گېزىت، تېلېۋىزور ۋە تور بەتلىرىدە رېئالشۇلىدا ئوقۇۋاتقان بۇ قەھرىمان يىگىتنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىم بولغانلىقى توغرىسىدا بەس - بەستە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇچۇر، ماقالىلەر، سىنالغۇ فىلىملىرى بۈگۈننىڭ قىززىق تېمىسى بولۇپ قالدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەقدىرلىنىۋاتقان ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئابدۇلقادىرنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەر باشلىقى ئۇلارنى بۈگۈن ئاخشام ئالاھىدە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيىنىڭ "مېركۇر"، "ئابېند سايتۇڭ" قاتارلىق داڭلىق گېزىتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇلقادىر 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سۇغا چۆكۈپ كەتكەن بەش ۋە ئالتە ياشلىق ئىككى نەپەر گېرمان پەرزەنتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئاخىرقى تىنىقلىرىدىكى بۇ ئىككى نارىسىدە بالا تەلىيىگە ھايات قالغان. ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار، دوختۇرلار ۋە ئىككى بالىنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئابدۇلقادىرغا كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىپ، ئىككى جاننىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بۇ خاسىيەتلىك ئىشتىن پۈتۈن گېرمانىيە خەلقىنىڭ شاتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دىققىتىڭلارغا گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇلقادىر ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇلشۈكۈر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى سۇنىمىز.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
