ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ 'نەسىھەتى ئاممە' رىسالىسى

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام كۆپچىلىك ئالىم - ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۈيۈك ئالىم دەپ بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ، نام - شەرىپى دائىم ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2008.12.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزىي بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھبەت

سوئال:  مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
جاۋاب: ئىككى نەرسىدۇر: بىرى بىلىمسىزلىك، يەنە بىرى نادانلىقتۇر.
سىراجىددىن ئەزىزىي ئابدۇقادىر داموللامنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: " مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام 1862- يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدىكى ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك بىر مەرىپەتپەرۋەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا ئۆز يۇرتىدا ئىگىلىگەن بىلىمىگە قانائەت ھاسىل قىلماي، دىنىي ئىلىمدە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بۇخاراغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ جايدا بىلىم تەھسىلىنى تاماملىغاندىن كېيىن، سەمەرقەند ۋە ئۇفا شەھەرلىرىدە بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلغان. كېيىن، تاشكەنت، خوجەند، قازان ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق جايلاردا ساياھەتتە بولۇپ، 1907- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئىسلاھات ۋە ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ يېڭىچە ئوقۇتۇش پروگراممىسى، مىللەتنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرى ۋە خۇراپاتلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى كۆپچىلىك مۇتەئەسسىپ، جان باقار موللىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن 1918- يىلى ھەج پەرزى ئادا قىلغاچ ئىككىنچى قېتىم چەتئەلگە چىقىپ تاشكەنت، شەمەي، ئۇفا، قازان، ئورال، تۈركىيە، مەككە، مىسىر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۇ يەرلەردىكى ئالىم - ئۆلىمالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تولۇق چۈشەنگەن. ئۇ 1920- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ نەسىھەتى ئاممە ناملىق رىسالىسىنى يازغان ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنى داۋام قىلغان. ئابدۇقادىر داموللام كۆپچىلىك جان باقار موللىلار ۋە شۇ ۋاقىتتىكى بېسىمدار ھاكىمىيەت تەرىپىدىن " جەدىتىزمچى" دەپ ئاتىلىپ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. ئاخىرىدا شۇلارنىڭ پىلانلىشى بىلەن 1924- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى تاڭ سەھەردە ئۆزىنىڭ شەخسىي كۈتۈبخانىسىدا قاتىل ئەھمەد مەزىن تەرىپىدىن خەنجەر بىلەن شېھىد قىلىنغان."

"نەسىھەتى ئاممە" رىسالىسىنىڭ مەزمۇنى

سىراجىددىن ئەزىزىي ئابدۇقادىر داموللامنىڭ " نەسىھەتى ئاممە " ناملىق ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "نەسىھەتى ئاممە" رىسالىسى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئومۇم خەلققە قىلغان ئورتاق نەسىھىتى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم - ئىرپان ئۆگىنىشكە زور ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق ئىكەنلىكىنى، ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ۋە ئەخلاق ئىسلاھ قىلىنمىغاندا مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇنلۇققا مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى، قىز- ئوغۇل پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇپ بىلىملىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ھەر خىل ئىلىم - پەنلەرنى ئۆگىنىپ، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا يارىشا ئىلگىرىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئابدۇقادىر داموللام مەزكۇر ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا مۇنداق دەپ يازغان:" قاچانىكى، ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇپ، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقسان يەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىتتىپاق يوقالدى، ھورۇنلۇق ۋە بىكارچىلىق، زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلىكلەر باش كۆتۈردى. ئىلىم مەرىپەت كېمەيدى. پۈتكۈل ئەھلى ئىسلامنىڭ شۆھرىتى يوقىلىپ خار - زارلىققا يۈزلەندى. ئىززەت ئابرويلار قولدىن كەتتى، ئەجنەبىيلەر ۋەتىنىمىزگە قول ئۇزاتتى." ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ" دېگەن ئايەتنىڭ ھەقىقىتى ئىسپاتلاندى."

سىراجىددىن ئەزىزىينىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ رىسالىسىدىكى مۇددىئاسى ئۇنىڭ " ئەقائىد زۆرۈرىيە" ناملىق ئەسىرىدە تېخىمۇ روشەن بايان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسىرىدە ئۇ ئۆزى سوئال قويۇپ يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:

سوئال:  مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
جاۋاب: ئىككى نەرسىدۇر: بىرى بىلىمسىزلىك، يەنە بىرى نادانلىقتۇر.

سوئال:  ئىززەت - ئابروي ۋە كۈچ - قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىلىم - مەرىپەت ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.