ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ' ئەدەبىيات ئاچقۇچى' ناملىق ئەسىرى ھەققىدە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ مەنىۋىي يېتەكچىسى، دىن ۋە مىللەتنىڭ پىداكارى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئوت يۈرەك دىنىي ئالىم ئابدۇلقادىر داموللام 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلاردىن چىققان يېتۈك ئالىم ئىدى.

0:00 / 0:00

ئابدۇلقادىر داموللام بىلەن زامانداش مەشھۇر ئالىم، ئاتاقلىق شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا،ئابدۇلقادىر داموللام نازۇكلۇقتا روھقا، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىدە تاغقا، ئىلمىنىڭ موللۇقىدا دېڭىزغا ئوخشايتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەككە شەھىرىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندىگە مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ مىفتاھۇل ئەدەب ناملىق ئەسىرى ھەققىدە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى مىفتاھۇل ئەدەب ناملىق ئەسەرنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەرەب تىلىنى ئۆگەنگۈچىلەر مورفولوگىيە، گرامماتىكا ۋە قىسقىچە سۆزلۈكلەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئاساسلىق مەسىلە قىيىن، كەم ئۇچرايدىغان سۆزلۈكلەر ھەمدە تەرجىمە قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىدۇر. شۇڭا ئەرەب تىلىنى ئۆگەنگەن ھەر قانداق ئادەم ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر شېئىرى ۋە ئەدەبىي كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇشقا مۇھتاج بولىدۇ. ئابدۇلقادىر داموللام بۇ مەسىلىنى نەزەردە تۇتۇپ " مىفتاھۇل ئەدەب" يەنى (ئەدەبىيات ئاچقۇچى) دېگەن شانلىق ئەسىرىنى ھازىرلاپ ئۇنى مەدرىسە تالىبلىرى ئۈچۈن ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە ئۆگەتكەن. ئابدۇلقادىر داموللام بۇ ئەسەرنى تەييارلاشتا، ئۆزىنىڭ بەزى شېئىرلىرى بىلەن بىرگە، ئەرەبلەرنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە شېئىر توپلاملىرىدىن تاللاپ ئالغان. كىتابقا ئەرەبلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېسىللىكىدىن كەبىگە ئېسىلغان شېئىرلىرى ۋە ھازىرغىچە ئىستىلىستىكىلىق گۈزەل ئىپادىلەش ئۈلگىلىرى دەپ سانالغان مەشھۇر شىئېرلار، ئاقىللارنىڭ ئەقلىيەت سۆزلىرى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرمۇ كىركۈزۈلگەن.

مىفتاھۇل ئەدەبنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى مىفتاھۇل ئەدەب ناملىق ئەسەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: "مىفتاھۇل ئەدەب" ئەرەبچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى: ئەدەب-ئەخلاق ۋە ئەدەبىيات ئاچقۇچى دېگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ كىتاب ئەرەب ئەدەبىياتىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ئەڭ ئېسىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدەب-ئەخلاق قائىدىلىرىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. شۇڭا ئابدۇلقادىر داموللام كىتابىنى مۇنۇ شېئىر بىلەن باشلىغان:

بەرمىدى ئاللاھ بىراۋغا ئەقىل ۋە ئەدەبتىن ئارتۇق بىرىنى،

ئەقىل بىلەن ئەدەب ياشلار ئۈچۈن ھۆسىن جامال.

ئۆلگەنگە تەڭ ھەر كىم بۇ ئىككىسىدىن ئايرىلغان ھامان.

بۇ كىتابتىكى:

ئۆگەنگىن ئەي يىگىت! بىلىمسىزلىك نومۇستۇر.

ئىشەكتىن باشقا ھېچبىرى ئاڭا رازى ئەمەستۇر.

دېگەن بېيتلاردا ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنغان ھەمدە ئىنساننىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان بىلىمسىزلىكنى قاتتىق سۆككەن. شۇنداقلا بىلىمسىز، جاھىللارنى ئادەم قاتارىدىن سانىمىغان.

يەنە تۆۋەندىكى:

سەن قانچە قېتىم تۇسىسەن، ھالبۇكى ئۆزۈڭ يانمايسەن،

قانچە قېتىم نەسىھەت قىلىسەنۇ، ئۆزۈڭ ئاڭلىمايسەن؟!

ھەي بىلەيتاش! سەن قاچانغىچە

تۆمۈر ئىتتىكلىتىپ نېمىشقا ئۆزۈڭ كەسمەيسەن؟!

دېگەن شېئىرلاردا بىر قىسىم دىنىي ئالىملارنىڭ كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ قويۇپ، ئۆزلىرى قىلماسلىقى ۋە يامان ئىشلاردىن باشقىلارنى توسۇپ تۇرۇپ ئۆزلىرى يانماسلىقىدەك سەلبىي ھالىتىنى تەنقىدلەش بىلەن بىرگە، مۇنداق قىلىشنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىغا ئويغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دېمەك، مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ "مىفتاھۇل ئەدەب" ناملىق شانلىق ئەسىرى ئەدەب-ئەخلاق ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئەرەب تىلىنىڭ ئەدەبىياتىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىدىغان قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ، بۇ كىتاب ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي مەدرىسىلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلماقتا.