سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگە 1949 - يىلى ئانا ۋەتەندىن قېچىپ چىقىپ، 1950 - يىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئىكەن. مەن بۇ ئادەمنى 1980 - يىلى تۇنجى قېتىم كىرگىنىمدە 60 ياشلار چامىسىدا كۆرگەن ئىدىم. خوش سۆھبەتلىك، چىقىشقاق ۋە كىچىك پېئىل كىشى بولۇپ، بېشىدىن ئۆتكەنلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىبرەتلىك قىسسىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى."
ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھاياتى
ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئوقۇمۇشلۇق، ئاڭلىق ۋە سەۋىيىلىك كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۆزى كىتاب خۇمار بولۇپ، باشقىلاردا تېپىلمىغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تولىسى بۇ كىشىنىڭ ئۆيىدىكى كىتابخانىسىدىن تېپىلار ئىدى. ھەتتا ۋەتەندە ئەمدى نەشردىن چىققان يېڭى كىتابلارمۇ بۇ ئادەمنىڭ كىتابخانىسىدىن تېپىلاتتى. بۇ كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىگە يەرلىشىپ قالغان بولۇپ، شەھەر مەركىزىدە دۇكان ئاچاتتى."
ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى
ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگە خۇددى مۇھاجىرەتتىكى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ھەمىشە ئانا ۋەتەننىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئۇيغۇرلاردىن ياردەمگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىدىغان، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلايدىغان، خەير - ساخاۋەتلىك كىشىلەردىن بىرى ئىكەن. ئۇ كىشىنى بىلىدىغانلار ھەمىشە ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىنى سۆزلەيدىكەن ۋە ئىش - ئىزلىرىنى ماختايدىكەن.
ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگىنىڭ ۋاپاتى
ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېھىم ھاجىم تۆگە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھاياتى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ يەرلەشكەن رايون تائىف شەھىرىدە ئۆتكۈزۈپ 1993 - يىلى شۇجايدا ۋاپات بولغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.