قارامايدىكى "ماي بۇلاق" ژورنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت نىياز قولغا ئېلىنغان


2006.04.25

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارىماي شەھىرىدە نەشر قىلىندىغان "ماي بۇلاق" ژورنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت نىيازنىڭ 2000 ‏- يىلىدىن ئېتىبارەن، دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن " ئاممىۋىي سورۇنلاردا خىتايغا قارشى جامائەت پىكرى پەيدا قىلدى" دېگەن باھانە بىلەن بىر قانچە قېتىم قىسقا مۇددەتلىك قاماققا سولانغان.

تالانتلىق قەلەمكەش

ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بۇ كىشى، ئابدۇرېشىت نىياز ھەققىدە بىر قەدەر ئېنىق مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭ ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، قارىماي مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپ تارمىقىدا نەشر قىلىنىدىغان "قارىماي مائارىپى" دىگەن ژورنالدا تەھرىرلىك قىلغانلىقىنى، 1989 ‏- يىلى قارىماي ئەدەبىياتچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىدىغان "ماي بۇلاق" ژورنىلىغا تەھرىرلىككە يۆتكەلگەنلىكىنى. ئۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىش شۇنىڭدەك ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇنى ئىزچىل پانتۈركىزم ئىدىيىسىنى يازغۇچىلار ئارىسىدا تەشۋىق قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن 2000 ‏- يىلى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان.

بۇ ۋەقەنى ئىنكاس قىلغۇچى كىشى يەنە ئۇنىڭ، چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە قارىماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنىپ، ھازىرغا قەدەر قاماقتا سولانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇمات ئىگىلەش يولىدا ئىزدىنىشلەر

بىز ئابدۇرېشىت نىيازنىڭ ھەقىقەتەن ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ ئېيتقىنىدەك سەۋەبلەر بىلەن قولغان ئېلىنغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ، قارىماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفۇن ئۇردۇق.

جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى كۆزەتكۈچى خادىم، ئابدۇرېشىت نىياز ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىمىزنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقەنى بىلىدىغانلىق بىشارىتىنى بېرىپ، مەزكۇر ئىدارىنىڭ مەمۇرىي باشقارمىسىدىن ئېنىقلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ، مەمۇرىي باشقارمىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى بىزگە ئېيتىپ بەردى.

مەمۇرىي باشقارمىدىكى خادىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفۇن ئۇرغانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىزنىڭ ئابدۇرېشىت نىيازنىڭ نېمە سەۋەبتىن قولغان ئېلىنىپ، سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز ھازىرغا قەدەر قاماق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىمىزغا ناھايىتى قوپاللىق بىلەن "بىلمەيمەن" دەپ جاۋاب بەردى.

بىز قارىمايدىكى بىر قانچە ئاھالىدىن "ماي بۇلاق" ژورنىلىنىڭ قارىماي گېزىتى بىلەن بىر جايدا نەشر قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قارىماي گېزىتىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ، ئابدۇرېشىت نىياز توغرىلىق مەلۇماتقا ئېرىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ ئەمما ھېچقانداق بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سىياسىي تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن، ھەتتا بۇ ۋەقەدىن تولۇق خەۋىرى بولغان بىر كىشىمۇ قورقۇپ بىزگە قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋاب بەرمىدى.

تۈرمىدىكى مىڭلىغان ياشلارنىڭ بىرى

ئۇيغۇر ئېلىدە، ئابدۇرېشىت نىيازغا ئوخشاش، ئەدەبىي ژورناللاردا خىزمەت قىلىۋاتقان يازغۇچى ۋە تەھرىرلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەر خىل باھانىلەر بىلەن قارىلىنىپ، بىھۇدە تۈرمىلەرگە سولىنىپ جازالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇرېشىت نىيازنى قولغا ئالغانلىقىنىڭ ئېنىق بىر ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى، بىراق خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ ئىشلارنى ئېنىق ئېيتمايدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئابدۇرېشىت نىيازنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قولغا ئېلىنىۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.