شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى(1)


2005.08.03

abdurof-mexsum.jpg
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇروپ مەخسۇم ئىبراھىمى

3-ئاۋغۇست كۈنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسى تارىخىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى شۇنىڭدەك 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىي كەچۈرمىشلىرىنىڭ شاھىدى ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ مىللەت يولىدا كۆيگەن يۈرىكى ئاخىرقى قېتىملىق سوقۇشى بىلەن ئەبەدىي توختىدى.

لېكىن، ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى، ئەركىنلىك جەڭ مەيدانلىرىدا توۋلىغان ھۇرراھ-سادالىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن تۆككەن قانلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنى بىر ھەقىقىي ھۆكۈمەت سۈپىتىدە شەكىللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈش شۇنىڭدەك ئۇنى قوغداش يولىدىكى خىتابلىرى ۋە نىدالىرى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىغا ئۆچمەس قۇرلار بىلەن پۈتۈلدى. 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈشىگە، سېغىنىشىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي روھىيەت قاتلىمىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ قەھرىمان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا، مەزكۇر زاتنى ئەسلىمەي، ئۇنىڭ ھەققىدە توختالماي ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس.

ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى 1914-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك ۋە ياش ۋاقىتلىرىدا غۇلجا شەھىرىدە دىنىي ۋە پەننىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ھەمدە بوغالتىرلىق كەسپىنى ئۆگىنىپ، غۇلجا شەھىرىدە تونۇلغان بوغالتىرلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

مەرھۇم ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ بىر قانچە قېتىملىق زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە شەرقىي ئىنقىلابى رەھبەرلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئەپەندى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا بىر مەزگىل ئەۋجى ئالغان ئۇيغۇر مەرىپەتچىلىك ھەركىتىنى قوللاش بىلەن بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك نەپ ئالدى. ئۇ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىستامبۇل قاتارلىق جايلاردا ئوقۇپ كەلگەن مەشھۇر ئۇيغۇر مەرىپەتچىلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرىدىن مەسۇد سەبىرى بايقوزى، جىرجىس ھاجى قاتارلىقلارنىڭ ئاچقان پەننىي مەكتەپلىرىدە بىلىم ئېلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرىنى قوبۇل قىلدى شۇنىڭدەك مۇستاپا كامالنىڭ تۈرك مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرى بىلەن تونۇشتى.

ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ ياشلىق دەۋرى خوجا نىياز ھاجىم، سابىت داموللا، مەقسۇت مۇھىتى ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ خەلقنىڭ ھۆرلۈككە نەقەدەر تەشنا ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ يولدا بارلىقىنى ئاتا قىلىشتەك يۈكسەك مىللىي ۋە دىنىي روھىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ، يەنە 30-يىللاردا ئىلىدا ئېلىپ بېرىلغان مەرۇپ سەھىدى، تېيىپ ھاجى سابىتوپ قاتارلىق ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرىنىڭ مائارىپ-ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلدى ھەمدە موسكۋانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان شېڭ شىسەينىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، خەلق ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئەشۇ يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئەپەندىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ، ھېلىگەر، رەزىل ۋە يۈزسىز دۈشمەندىن قۇتۇلۇش يولىنىڭ پەقەت قولىغا قورال ئېلىپ، جەڭ مەيدانلىرىغا ئاتلىنىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئازادلىق يولىدا ئىزدەندى، تىرىشتى ۋە بەدەل تۆلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇردى. نەتىجىدە، 1944-يىلى 4-ئايلاردا غۇلجا شەھىرىدە ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا تۇنجى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىپ، ئاكتىپ پائالىيەتچىگە ئايلاندى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.