شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇف مەخسۇمنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى (1)
2005.08.03
1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ھۆكۈمەت باش كاتىپى ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى 2005-يىلى 3-ئاۋغۇت كۈنى 91 يېشىدا ئالماتادا ۋاپات بولدى.
ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى 1914-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 1944-يىلى ئاپرىلدا خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى قۇرۇلغان "ئازادلىق تەشكىلاتى" نىڭ دەسلەپكى 12 ئەزاسىنىڭ بىرى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى بولۇپ تەيىنلەنگەن
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia