مېيىپ ياش ئابدۇشۈكۈر قۇربان دۆلەتنى پارچىلاش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاينىڭ مۇقىملىق ئەندىشىسى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئولىمپىكتىن كېيىن ئىزچىل داۋاملاشماقتا. غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم يېزىسىدىكى مېيىپ ياش ئابدۇشۈكۈر قۇرباننىڭ 21 - نويابىر كۈنى كەچتە تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالى ۋەزىيەتنىڭ جىددىلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي قانۇنلىرى بۇيىچە، تۇتقۇننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى، تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان ئورنى قاتارلىق مەلۇماتلار تۇتقۇننىڭ ئائىلىسىگە دەسلەپكى 24 سائەت ئىچىدە بىلدۈرۈلۈشى كېرەك. ئەمما، ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئائىلىسى، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى شۇ كۈنى بىلگەن بولسىمۇ، يېڭى ھايات تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنى 5 كۈندىن كېيىن ئۇققان.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدا، ئابدۇشۈكۈر قۇرباننىڭ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن مەلۇم بىر سىياسىي دېلوغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى؛ سوراق جەريانىدا ئابدۇشۈكۈرنىڭ ساقچىلارنىڭ گۇمانىنى ئىنكار قىلغانلىقى، ساقچىلار گۇمانىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئابدۇشۈكۈر بىلەن شېرىك دەپ قارالغان ئىككىنچى بىر گۇماندارنى ئىزدەۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى سۆزلىرى ئارقىلىق ئابدۇشۈكۈر چېتىشلىق دېلونىڭ سىياسى دېلو ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېلونىڭ سىياسىلىكىنى يوشۇرماقتا. ئەمما، ئابدۇشۈكۈر ئائىلىسى تۈنۈگۈن تاپشۇرۇۋالغان ئۇقتۇرۇشتا، دېلونىڭ سىياسىي دېلو ئىكەنلىكى ئوچۇق بايان قىلىنغان.

ئابدۇشۈكۈر قۇربان 1995 ‏ - يىلى بىر قېتىم قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زەخمىلەنگەن ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن 2 ‏ - دەرىجلىك مېيىپ دەپ تىزىملانغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئائىلىسى ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئەھۋالىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتا.

ئابدۇشۈكۈرنىڭ يېقىنلىرى، ئابدۇشۈكۈرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئائىلە قىيىنچىلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان؛ تەلەپ رەت قىلىنغان. بىز بايىقى ساقچى خادىمىدىن، ئابدۇشۈكۈرنىڭ مېيىپلىقى سەۋەبلىك سوراق ۋە سولاقخانىدا پەرقلىق مۇئامىلىگە ئېرىشەلەيدىغان ياكى ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى سورىدۇق.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مېيىپ ھەقلىرى كېلىشىمىدە، مېيىپلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا نورمال كىشىلەر ئىگە بولغان ھەق ‏ - ھوقۇقلاردىن باشقا يەنە، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن قوغدىلىشى، ئاسرىلىشى ۋە ئېتىبارغا ئېرىشىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا ئابدۇشۈكۈر قۇرباننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.