ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى ھەققىدىكى قاراشلىرى

ئابدۇۋېلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدا بەرگەن دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

6-ئاينىڭ 18-19-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا، گېرمانىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە ۋە تۈركىيىدىن بولۇپ 16 ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىس ئىلمىي دوكلات بەرگەن ئىدى.

بۇ دوكلاتلار ئىچىدە ئۈرۈمچى 16-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇۋېلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدا بەرگەن دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئابدۇۋېلى تۇرسۇن ئەپەندى قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كېلەچىكىگە نىسبەتەن زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم ھېس قىلغان مىساللار بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى كونكرېت تەكلىپ-پىكىرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۈگۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىدا تولۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرمۇ مەكتەپ قالمىغانلىقى، ھەتتا يەسلىلەردىمۇ خىتايچە ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇئەللىملىرىنىڭ «خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرەلمىدى » دەپ ئىشتىن چىقىرىلغانلىقى، خەلقنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قالدى دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۆۋەندە ئۈرۈمچى 16-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇننىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزى ھەققىدە ئۆزى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىتىمىز.