شۇندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئانا - بالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا ئىئانە توپلاپ، ئۆز خەيرىخاھلىقىنى يەتكۈزگەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر خوتەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىق شەرتى بىلەن، بۇ ئانا - بالىنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بەرمەكتە ئىكەن.
بىز بۈگۈن، ئابدۇۋەلى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى روزىنىساخاندىن ئەھۋال سوراش ھەمدە ئابدۇۋەلى قاتارلىق بالىلارنىڭ بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە، روزىنىساخاننىڭ خوتەندىكى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بولدىكى، ئابدۇۋەلى دوختۇرخانىدا ئىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روزىنىساخاننىڭ خوتەندىكى تۇغقانلىرى، ھازىر روزىنىساخاننىڭمۇ ئوغلى ئابدۇۋەلى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، روزىنىساخانلار ئائىلىسى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئىئانە قىلغان پۇللارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يېزا باشلىقى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن. يېزا باشلىقى يەنە، بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن ياردەم سورىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان ۋە ئانا - بالا ئىككىيلەننىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
ئابدۇۋەلى ياتقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى ئالغان روزىنىساخاننىڭ ئىنىسى توختى يۈسۈپ، ئۆزلىرى توردا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئابدۇۋەلى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى روزىنىساخاننىڭ داۋالاش چىقىمىنى خوتەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
توختى يۈسۈپ بىزگە، خوتەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا خەلقتىن كېلىدىغان ئىئانە پۇلغا قويغان چەكلىمىسىدە، چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما خەلقتىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئىئانىگە ھازىرچە چەكلىمە قويۇلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
سۆھبەت جەريانىدا توختى يۈسۈپ، ئابدۇۋەلى ياتقان كېسەلخانىدا ئابدۇۋەلىدىن باشقا يەنە ئابدۇسالام ۋە مۇزەپپەر ئىسىملىك ئىككى بالا بارلىقى، بۇ بالىلارنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
روزىنىساخان بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىمكانىيىتى بار - يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، توختى يۈسۈپ، ھازىر روزىنىساخاننىڭ يېنىدا تېلېفون يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، كېسەلخانىدىكى بالىلارنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى بالىلارغا بەردى.
بالىلاردىن ئابدۇۋەلى ھەم ئابدۇسالام زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بالىلار بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈش پىلانلىرىنى بايان قىلدى.
توختى يۈسۈپ يەنە، مۇزەپپەرنىڭ ئېغىزى ئەتراپىدا يارا بولغىنى ئۈچۈن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.