شۋېتسىيىدە سۈيىقەستكە ئۇچرىغان ئۆزبېك ئالىم ئابىد نەزەرۇف توغرىسىدا ئىستانبۇلدا بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.03.02
2012.03.02
RFA/Arslan
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۈزبېكلەر بىرلىكى جەمئىيىتى ۋە ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ تۈركىيە شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ بەيئوغلى رايونىغا جايلاشقان شۋېتسىيە كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا، ئالپەرەن ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى، مۇساپىرلار ياردەملىشىش جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە كۆپ ساندا ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر قاتناشتى.
يىغىن ئەھلى قوللىرىدا كەرىمۇفقا قارشى يېزىلغان ھەر خىل شۇئارلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بەزى كىشىلەرقوللىرىدا، «قاتىل كەرىمۇف ئىستىپا»، «خەلقىگە ئوق ئاتقانلار بىلەن دوست بولمايمەن»، «سۈيىقەستچى پرېزىدېنت»، «ئابىدخان ئېتىلدى، نۆۋەتتە كىم بار؟»، «ئۆزبېكىستان دۆلەت تىررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش خەتلەر يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرىۋالغان ھالدا شۇئارلار توۋلىدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۈزبېكلەر بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادەم چېۋىك ئەپەندى ئابىد نەزەرۇف توغرىسىدا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى:، 2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 12:30 دا شۋېتسىيىدە سىياسىي پاناھلىق بىلەن ياشاۋاتقان ئۆزبېكىستانلىق ئىمام ئابىد نەزەرۇف، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قاتىل تەرىپىدىن ئوق ئېتىش ئارقىلىق ئوق بېشىغا تىگىپ ئېغىر يارىلاندى ۋە ھازىر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالانماقتا. ئاللاھدىن ئابىد قارىغا شىفالىق بېرىشنى تىلەيمىز. ئابىد قارى نەزەرۇف، ئوتتۇر ئاسىيا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تونۇلغان مەشھۇر ئالىملاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۈزبېكىستان مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەرەپتە تۇرغان بىر شەخس ئىدى، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزبېكىستان دىكتاتۇرى كەرىمۇف ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان.
ئادەم چېۋىك سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ دوكىلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستاندا رىجىمغا قارشى چىققان سىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پائالىيەتچلىرى، ژۇرنالىستلار، دىنىي ئالىملار، «تېررورچى»، «خەلق دۈشمىنى» دەپ قارىلىنىپ جىنايەت ئارتىلماقتا ۋە بۇ شەكىلدە جازاغا تارتىلىپ باستۇرۇلماقتا.
ئادەم چېۋىك ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان دىكتاتۇرى كەرىمۇفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز، چۈنكى كەرىمۇف 23 يىلدىن بۇيان ئۆزبېكىستاننى دىكتاتۇرلۇق تۈزۈم بىلەن باشقۇرماقتا. 23 يىلدىن بۇيان دۆلەت تىررورلۇق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، 25 مىليون ئىنسان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە، ئاسارەت ئاستىدا ياشىماقتا. چۈنكى ئۆزبېك خەلقى دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەركىنلىكى بىلەن ياشىيالمايدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ سىرتىدا 5 مىليون مۇساپىر بار. 5 مىليون ئۆسمۈر بالىلار قۇللۇق تۈزۈم ئاستىدا ئىشلەيدۇ. 5 مىليون ئىشسىز كىشى بار. 20 مىڭ زىيالىي ئۆزبېكىستان تۈرمىسىدە ياتماقتا. ئەنجاندا 3000 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.
ئادەم چېلىك سۆزىدە يەنە 5 - ئاينىڭ 11 - 12 - 13 - كۈنلىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۆزبېكىستان ئەلچىلىك ۋە كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئوخشاش ۋاقىتتا چوڭ نامايىش بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ نامايىشنىڭ كەرىمۇف ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئادەم چېۋىك ئەپەندى سۆزىدە يەنە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن، ئىمام ئابىدقارى نەزەرۇفقا سۈيىقەست قىلغان قاتىلنى دەرھال تۇتۇشنى ۋە بۇ ئىشنى پىلانلىغۇچىلارنى تېپىپ چىقىپ دەرھال جازاغا تارتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىق قىلىمىز. ئابىد نەزەرۇف قاتارلىق ئۆزبېكىستانلىق مۇخالىپلارنى ھىمايە ئاستىغا ئېلىپ قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن ئۈزبېكلەر بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادەم چېۋىك، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ تۈركىيە شۆبە باشلىقى ئەلىبەي يولياخشى ئەپەندىلەر، سۈيىقەستكە ئۇچرىغان ئابىد نەزەرۇفنىڭ قاتىلىنى تېپىپ چىقىش توغرىسىدىكى تەلەپنى شۋېتسىيە كونسۇلخانىسىغا سۇندى.
يىغىن ئاخىرىدا بىز، خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ تۈركىيە شۆبە باشلىقى ئەلىبەي يولياخشى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەلىبەي يولياخشى ئەپەندى، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتى شۋىتسىيىدە سۈيىقەستكە ئۇچرىغان ئابىد نەزەرۇفنىڭ قاتىلىنى تېپىپ چىقىش توغرىسىدا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىپ يازغان ئىلتىماسىنى شىۋېتسىيە كونسۇلخانىسىغا تەقدىم قىلىش ۋە ئىسلام كەرىمۇفنىڭ ئۆزبېكىستان دىكتاتۇر رىجىمىنى ئەيبلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.