خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلەھەت-چېن شاۋمېي نىكاھىنى سىياسىيلاشتۇرۇشىدىكى مەقسىتى نېمە؟

جۇ يۇڭكاڭ باشلىق خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتە خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ كۇيا يېزا ئاچچىق ئوي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابلەھەتنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئالاھىدە ھال سورىغان.

0:00 / 0:00

خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭ خۇبېيلىق خىتاي قىزغا ئۆيلەنگەن ئابلەھەتنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق ئۈلگىسى» دەپ ماختىغان. نۆۋەتتە ئابلەھەت ئائىلىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق نەمۇنىسى سۈپىتىدە خىتاي ئاخباراتلىرىدا تەشۋىق قىلىنماقتا.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە زىيالىيلار بولسا «كىشىنىڭ شەخسى ھاياتىنى سىياسىيلاشتۇرۇش-زىيانكەشلىك»، «خىتاي ھۆكۈمىتى گۈزەل تەشۋىقاتى بىلەن ئەمەلىيەتتە رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى» دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئاڭلىغايسىلەر.