بوكس تېرىنېرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غۇرۇرى ئىدى

ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر ئۇستاز، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ بوكس تېرىنېرى، مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدۇرېشىت بۇ يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەن سائەت 12 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە 54 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

0:00 / 0:00

ئابلىكىم ئابدۇرېشىت بالا ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ بوكسچىلىقنى ياقتۇراتتى. تاشلىنىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەنتەربىيە مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقى، جىسمانىي بەدەن تەرەققىياتىنىڭ روھى ساغلاملىقنى يوقىتىۋاتقانلىقى ئۇنى ئازابلايتتى. ئۇ 1994-يىلى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە ھازىرقى بوكسچىلارنى تەربىيىلەش ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقتى. 20 يىللىق جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە 20 دىن ئارتۇق يېتىشكەن بوكس تەنھەرىكەتچىسىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ تەربىيىلىگەن شاگىرتلىرى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بەش قېتىم سىدنېي، ئاتېنا ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بوكس ئەترىتى خىتاي دۆلىتىدە ۋە دۇنيادىكى باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردە بولۇپ جەمئىي 60 تىن ئارتۇق بوكس ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن.

ئابلىكىم ئابدۇرېشىت، بىر تەلەپچان ئۇستاز، مىللەت سۆيەر مەرد ئەزىمەت، بەلكى كۆيۈمچان دادا بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر بوكس چولپانلىرىنىڭ ھەم كەسىپ، ھەم ھاياتتىكى يولىنى يورۇتقان، ئۇلارنىڭ مىللەت ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپ قازىنىشى، چولپان بولۇشىدىكى تۈۋرۈك ئىدى. ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ شاگىرتلىرىدىن، ئۇيغۇر بوكس چولپىنى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مەرھۇمنىڭ ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ، باشقىلار 40 يىلدا باسىدىغان يولنى ئۇستازىنىڭ باشچىلىقىدا، ئۇيغۇر بوكس ئەترىتىنىڭ 20 يىلدا باسقانلىقىنى ئېيتىپ، مەرھۇمنىڭ ھايات تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇيغۇر تەنتەربىيە مائارىپىنى گۈللەندۈرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەنتەربىيە مائارىپىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىققان، مىللەتنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن كېچە‏-كۈندۈز ئۆزىنى ئۇنتۇپ، بارلىقىنى بېغىشلاپ ئىشلىگەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشەنچ، غەيرەت ۋە جاسارەت تۇرغۇزۇشقا باشلىغان سۆيۈملۈك ئۇستاز ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى ئۇيغۇر خەلقىنى قاتتىق ئېچىندۇردى. مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، مىللەتنىڭ غۇرۇرى ۋە شان شەرىپىنى تىكلەش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.