سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى "بۆلگۈنچى"، سېنتەبىردىن كېيىن بولسا "تېررورچى"
2007.03.06
11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر نەپەر دىنىي زاتنى بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئاتالمىش تەررولۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلەرنىڭ ئاسالىق جاۋاپكارى قىلىپ تەسۋىرلەنمەكتە. بېيجىڭلىق يازغۇچى زھاڭ شىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەركەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بويىچە ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە 2004-يىلى ئېلان قىلغان "دۆلەتنىڭ شەرىپى" ناملىق رومانىدا، بۇ دىنىي زاتنى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە ئارقىدا تۇرۇپ، قوماندانلىق قىلىدىغان، تېررورچىلارنىڭ كاتتىۋېشى قىلىپ تەسۋىرلىگەنىدى.
يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدا پامىر ئېتىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان، ئاتالمىش شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش مەقسىتىدىكى ماقالىلاردىمۇ، بۇ دىنىي زات تەررورچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ كاتتىۋېشى قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە.
بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى ئابلىكىم مەخسۇم
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئەيىبلەۋاتقان بۇ كىشى دەل ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىدىغان دىنىي زات قارغىلىقلىق ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىمدۇر.
1924-يىلى ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئابلىكىم مەخسۇمنىڭ دادىسى ئابدۇجېلىل داموللام 30-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى شەرقى تۈركىستان مىللى ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن، تارىخچى مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئۇ، 30-يىللاردىكى ئىنقىلابنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىسى ئىدى. ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئوغلى ئابلىكىم مەخسۇمنى ئېلىپ، مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئابدۇجېلىل داموللام، كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگىنىدە شىڭ شىسەي دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە كىچىك ياشتىكى ئابلىكىم تۈرمىگە تاشلانغانىدى.
شەرقى تۈركىستاندىكى بىر قانچە قېتىملىق ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنىڭ خەلقىنىڭ نادانلىقى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئابلىكىم مەخسۇم بۇ خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن دىنىي ۋە پەننى بىلىملەرنى بېرىلىپ ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئابلىكىم مەخسۇم ئۆز ناھىيىسىدىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، زامانىسىدىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان "قەشقەر خانلىق مەدرىسى" دە ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە پەننى بىلىملىرىنى ئاشۇرىدۇ.
1944-يىلى 11-ئايدا غۇلجىدا قۇرۇلغان "شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى" نىڭ ئىلھامى بىلەن قاغىلىق ۋە تاشقورغانلاردا كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرىمۇ ئابلىكىم مەخسۇم ئىدى. قاسىمجان قەمبىرى باشچىلىقىدىكى شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىسىملىرى جەنۇبتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئابلىكىم مەخسۇم سەبداشلىرى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىدۇ. ئامما ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان "بىرلەشمە ھۆكۈمەت" نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ.
گومىنداڭ دەۋرىدە مەكتەپ ئاچىدۇ، كومپارتىيە دەۋرىدە تۈرمىدە ياتىدۇ
ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم شۇندىن كېيىن قاغىلىق ناھىيىسىگە يەرلىشىدۇ ۋە مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ مەسلىھەتى بىلەن دىنىي ۋە مىللى تۇيغۇلاردىن يىراقلاشقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن دىنىي مەكتەپ ئاچىدۇ. شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قابىلىيەتلىك ياشلارنى تاللاپ ئوقۇتىدۇ ۋە بۇ ياشلارنى مىللى ۋە دىنىي روھتا تەربىيىلەيدۇ.
. 1954-يىلى خوتەندە ئابلىمىت داموللام باشچىلىغىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىدۇ. خىتاي دائىرلىرى بۇ ھەرىكەتتە ئابلىكىم مەخسۇمنىڭ قولى بار، دەپ قاراپ ئۇنى قولغا ئالىدۇ. شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ تۈرمىلىرىدا ياتقان ئابلىكىم مەخسۇم تۇنجى قېتىم خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈرمىسىدە ئىككى يىلدىن ئوشۇق ياتىدۇ.
1959-يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى بىرقانچە قېتىملىق خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلارغا ئابلىكىم مەخسۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ۋە بۇ قوزغىلاڭلارغا ئۇنىڭ ئاستىرىتتىن رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى قولغا ئالىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە 20 يىلدىن ئوشۇق ياتىدۇ ۋە ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەرگە سېلىنىدۇ.
ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم 1979 –يىلى تۈرمىدىن چىقىپلا يەنە قارغىلىق ناھىيىسىدە دىنىي مەكتەپ ئاچىدۇ ۋە ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ياشنى دىنىي ۋە مىللىي روھتا تەربىيىلەيدۇ. ھەمدە ساغلام دىنىي ئېتىقات، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى قوغداش ۋە مىللىي روھنى ئويغىتىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ بۇ ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالاھىدە شۆھرەت قازىنىدۇ. ھەتتا خىتاي دائىرلىرى ئۇنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ناھىيىلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىمۇ قىلىدۇ.
ئابلەت نۇر: ئابلىكىم مەخسۇم ۋەتىنىنى، خەلقىنى ئويلايدىغان شەرقى تۇركىستان ئوغلانى
كانادادىكى سىياسى پائالىيەتچى ۋە دىنىي زات ئابلەت نۇر ئەپەندى ئابلىكىم مەخسۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋەر ئوغلانى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن قىلغان ئەھمىيەتلىك خىزمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەتلىرىگە زىت كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم شەرقى تۇركىستان خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر دىنىي زات. ئۇ خەلقىگە ئۆزىنىڭ دىنىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتتى. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش پلانى بار. ئۇلار بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى دىندىن يىراقلاشتۇرسا، ئۇلار خىتايلىشىدۇ، كوممۇنىسلىشىدۇ. ئابلىكىم ھاجىم دىننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى خەلقىغە بىلدۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ بۇ پلانىغا زەربە بەردى. يېقىندىن بۇيان خىتايلار ئابلىكىم مەخسۇمنىڭ تالىپلىرىنى تەررورىست، دېگەندەك قالپاقلار بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنى تەررورىست قىلىش ۋە ئۇلارغا قارا سۇۋاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇستازىنى ئەسكى ئادەم قىلىپ چىقىش كېرەك. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئابلىكىمنى مەخسۇم ھاجىنى ئوز ۋاقتىدا سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىگە ئەزا قىلىپ ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا، تېررورچى قالپىقى كىيگۈزۈش زۆرۈر بولىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم تېررورچىلارنىڭ بەشى ئەمەس، تېررورلۇق پائالىيەت ئېلىپ بارغانمۇ ئەمەس. شۇنداقلا ئۇ سىياسەتچىمۇ ئەمەس، ئۇ پەقەت خەلقىنى، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان دىنىي زات. خىتايلارنىڭ ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىمنى تېررورىستلارنىڭ بەشى قىلىپ كۆرسىتىشى شەرقى تۈركىستان خەلقىغە قىلىنغان بىر تۆھمەت.
سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى "بۆلگۈنچى"، سېنتەبىردىن كېيىن "تېررورچى"
خىتاي زىيالىسى ما داجېن تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان "دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا" ناملىق كىتابتا ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىنى "قالدۇق شەرقى تۈركىستانچى بۆلگۈنچى"، ۋە ئۇنى ئۇيغۇر رايونىدىكى "بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى" نىڭ باش مەنبەسى دەپ ئاتىغان، ۋە بۇ كىتابتا يەنە ئۇنىڭ "بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى" ئۈچۈن تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان ۋەخپىسىدىن ئىختىسادىي ياردەم ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
ئامما 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان ماقالىلاردا بولسا، ئابلىكىم مەخسۇمنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، تېررورچىلارنى ئۆزىگە تارتقانلىقى ۋە ئۇلارغا تېررورلۇق بازىلىرىنى قۇرۇپ بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى "تېررورلۇق پائالىيەتلىرى" ئۈچۈن تالىبانلاردىن ئىختىسادىي ياردەم ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەمىلىيەتتە 1997-يىلى ئافغانىستاندا تالىبانلار ھەركىتى ئوتتۇرىغا چىققاندا ئابلىكىم مەخسۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 4 يىل بولۇپ قالغانىدى.
ئابلەت نۇر: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ۋەتىنىنى، مىللىتىنى، دىنىنى سۆيۈشنىڭ ئۆزى تېررورچىلىق ھېسابلىنىدۇ
ئابلەت نۇر ئەپەندى خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنى ئەيىپلەشتە قوللىنىۋاتقان "بۆلگۈنچى" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلاشتۇرۇپ "تېررورچى" ئىبارىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
خىتاي نۇرغۇن ئادەمنى تېررورچى، بۆلگۈنچى، دېگەندەك قالپاقلار بىلەن تۈرمىلەرگە سولاۋاتىدۇ. تۈرمىگە سولىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپلىرى، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى، خەلقىنى سۆيگەن دىندار ئىنسانلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر زىيالىلار بار. ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن يۈرىكى سوققان ئىنسانلارنى خىتاي ياخشى كۆرمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا تەررورچى، دىگەن قالپاقلار كەيدۈرۈلۈپ يوق قىلىش كەرەك بولىۋاتىدۇ. ھۇددى مۈشۈك ئۆزىنىڭ ئاسلىنىنى يەمەكچى بولسا، خەقلەرنىڭ ئاسلىنىنى يەۋەتتى، دىيىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى شاشقان، دەپ يىگىنىگە ئوخشاش. خىتايمۇ شەرقى تۈركىستانلىقلارنى ئۆز پۇخرايىمىز، شەرقى تۈركىستاننى بىزنىڭ تۇپرىقىمىز، دەپ داۋا قىلىدۇ. ئۇلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسلان دىسە يوق قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى شاشقان دەپ تۇرۇپ يوقۇتىۋەتىش كەرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەخسەتكە يەتىش ئۈچۈن تەررورچى ۋە بۆلگۈنچى، دىگەن سۇنى ئىسىملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ.
ئابلىكىم مەخسۇمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نوپۇزىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى سەزگەن خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلارغا قارىماي، 80- يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۇنىڭ ئاچقان مەكتىپىنى تاقايدۇ ۋە پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ساھەسىدە ئاقارتىش ئېلىپ بېرىپ، ئالاھىدە بىر دەۋىر ياراتقان ئابلىكىم مەخسۇم 1993-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ئامما ئۇنىڭ ئۆلۈمى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرلىرىگە قارشى نارازىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يوپۇرغا يېزىسىغا چاپلانغان ۋاراقچە
- ئۇيغۇرلار تاجاۋۇزچىلاردىن ئۆگەنمەيدۇ
- خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تاپقان يېڭى باھانىسى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەيۋىسىنى كۈچەيتمەكتە
- ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسىدە، ئۇيغۇرلار بازار ساقچىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقتا
- خىتايدا دەۋاگەرلەر زورلۇق ۋە تەھدىت ئاستىدا باستۇرۇلماقتا
- جاڭ چىڭلى تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇۋاپپەق سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەندى