روسىيە جەنۇبى ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈنۈگۈن روسىيە پارلامېنتى جەنۇبى ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇيدىغانلىقى ھەققىدە تولۇق ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللىغان ئىدى. بۈگۈن روسىيە پرېزىدېنتىDimitriy Medvedev پارلامېنتنىڭ مەزكۇر قارارىنى تەستىقلىدى. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر قارار رۇسىيىدە رەسمىي ئىجرائىي كۈچىگە ئىگە بولدى.

0:00 / 0:00

پرېزىدېنت Dimitriy Medvedev نىڭ ئېلانى

روسىيە پرېزىدېنتىDimitriy Medvedev بۈگۈن رۇسىيىنىڭ جەنۇبى ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇيدىغانلىقىمنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر قارار تۈنۈگۈن روسىيە پارلامېنتىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى مەزكۇر قارارغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرماقتا. سىياسىي ئانالىزچىلار نۆۋەتتىكى گرۇزىيە ۋەزىيىتىنى ئامېرىكا - روسىيە مۇناسىۋىتىدە يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە پەيدا ئەڭ چىڭ كرىزىس دەپ قاراشماقتا.

گرۇزىيە رۇسىيىنىڭ مەزكۇر قارارىنى جەنۇبى ئوسسېتىيە بىلەن ئابخازىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئەمەس، بەلكى گرۇزىيىنىڭ بىر قىسىم زىمىنىنى يۇتۇۋېلىش قارارى دەپ ئەيىبلىدى. نۆۋەتتىكى كاۋكازىيە ۋەزىيىتى روسىيە بىلەن گرۇزىيىدىن سىرت روسىيە بىلەن ئامېرىكا ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى كرىزىس دەپ قارالماقتا.

ناتو: " رۇسىيىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ"

بۈگۈن ناتو باش كاتىبى De Hoop Scheffer رۇسىيىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلغىنى بولمايدىغان بىر قارار دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس قارارنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر قارار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. رۇسىيىنىڭ قارارىغا جىددىي نارازىلىق بىلدۈرگەن دۆلەتلەر ئارىسىدا يەنە گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار.

ئىنكاسلار ئومۇمىيۈزلۈك رۇسىيىنىڭ قارارىنى خەلقارا قانۇنغا خىلاپ دەپ كۆرسەتمەكتە. پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلىش قارارىنى بارلىق خەلقارا قانۇنلاردا نەزەردە تۇتقان ھالدا چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق ئەسكەرتىش بەردى: " ئەسلىدە بىز گرۇزىيىنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە ئۇزۇندىن بېرى ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن ئىدۇق، شۇ سەۋەبتىن، گرۇزىيىنىڭ جەنۇبى ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە مەسىلىسىنى تېنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدۇق. ئەمما گرۇزىيە بىزنىڭ تەۋسىيەمىزگە قۇلاق سالمىدى."

نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر جەنۇبىي ئوسسېتىيە بىلەن ئابخازىيە گرۇزىيىدىن بۆلۈنۈپ چىقسا، كاۋكازىيىدىكى خاتاي مىسالى بولىدۇ دەپ قاراشماقتا. خاتاي نۆۋەتتە تۈركىيىنىڭ بىر ۋىلايىتى بولۇپ، ئۇ 1938 ‏ - يىلى تۈركىيىنىڭ قوللىشى بىلەن سۈرىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققان ۋە بىر يىلدىن كېيىن خاتاي پارلامېنتىنىڭ قارارى بىلەن تۈركىيىگە قېتىلغان. جەنۇبىي ئوسسېتىيە بىلەن ئابخازىيەنىڭ تەقدىرىنى خاتاينىڭ تەقدىرىگە ئوخشاتماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر يەنە جەنۇبى ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئەمەلگە ئاشسا، چېچەنىستانغا ئوخشاش مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىۋاتقان مىللەتلەرگە ئىلھام مەنبەسى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مەسىلە، باكۇ جەيھۇن نېفىت يولى مەسىلىسى

يەنە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە نۆۋەتتىكى مەسىلە جەنۇبى ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش - قوللىماسلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى روسىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە كاۋكازىيە دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەت مەسىلىسىدۇر. كاسپىي دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرغان باكۇ - جەيھۇن نېفىت تۇرۇبىسى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت تۇرۇبىسى. ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 1778 كىلومېتىر بولغان بۇ نېفىت لىنىيىسىنىڭ 669 كىلومېتىرلىق قىسمى تۈركىيىدىن، 443 كىلومېتىرلىق قىسمى ئەزەربەيجاندىن، 249 كىلومېتىرلىق قىسمى گرۇزىيىدىن ئۆتىدۇ.

مەزكۇر نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئاساسلىق ھەسسىدارلىرى ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە نورۋېگىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدۇر. بۈگۈن بۈگۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بەرگەن رۇسىيىنىڭ قارارىنى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.

روسىيە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردىن بىرى. روسىيە بولسا ئۆزلىرىنىڭ كاۋكازىيە رايونىدىكى ئىستىراتىگىك مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. روسىيە پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى كاۋكازىيە تارىختىن بۇيان رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەت چىگرىسى ئىچىدە بولغان، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق داۋاملىشىدۇ دەپ ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قاراشلىرى

روسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ گرۇزىيە مەسىلىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇش سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ كەسكىن توقۇنۇش دەپ قارالماقتا ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىلمەكتە.

نۆۋەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى، "جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئەمەلگە ئاشسا، دۇنيادا يەنە بىر مۇستەقىللىق ئۆرنىكى تىكلىنىدۇ؛ دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈنلىكىگە قارىتا خەلقارا جامائەت پىكرىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇش شەكىللىنىدۇ دەپ قارىماقتا. يەنە بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا؛ مەزكۇر ۋەزىيەت، روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىكى مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى ئېتىبارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قويىدۇ،" دەپ قاراشماقتا.