گۇما ناھىيىسىدىكى «زەھەرلىك ئاچچىقسۇ» نۇرغۇن جانغا زامىن بولدى

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق سانجۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە ھازىرغىچە 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ زەھەرلىنىپ، 10 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

0:00 / 0:00

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن زەھەرلىنىشنىڭ سانجۇ يېزىسىدىكى بىر لەڭپۇڭخانىدا لەڭپۇڭ يېگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاچچىقسۈيىنى ئىشلەتكەن كىشىلەردە كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى. يەرلىك دائىرىلەر نۆۋەتتە ناھىيىدىكى تۇڭلۇق ئاچچىقسۇ ساتىدىغان دۇكانلارنى پېچەتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاچچىقسۇنىڭ قانداق قىلىپ زەھەرلىك بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇر بەرمىگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن گۇما ناھىيىسىنىڭ سانجۇ يېزىسىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئاچچىقسۇدىن زەھەرلەنگەن كىشىلەرنىڭ سانجۇ يېزىسىدىكى بازاردا ئىپتاردىن كېيىن يېگەن لەڭپۇڭدىكى ئاچچىقسۇدىن زەھەرلەنگەنلىكى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئاياللار، بالىلار ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى. سانجۇ يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىرسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، زەھەرلىنىش كېلىپ چىققان لەڭپۇڭخانا ئادەتتە شۇ يېزىدىكى كىشىلەر ئەڭ كۆپ بېرىپ، لەڭپۇڭ يەيدىغان ئورۇن بولۇپ، بۇ قىز جۈمە كۈنى يېزىدا 13 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە توختىخان، قۇلقىز، ئاتىخان، پاتىگۈل قاتارلىق ئاياللار ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئايال بىزگە ئۆزىنىڭ توختىخان ئىسىملىك ئايالنى تونۇيدىغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە توختىخاننىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوغلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلغانلىقىنى، كىچىك قىزىنىڭ يېنىك زەھەرلىنىپ ھازىر ئۆيىگە يېنىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

بۇ ئايالنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە يەنە، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى كېلەر يىلى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان رۇقىيە ئابلەت ئىسىملىك بىر قىزمۇ بار بولۇپ، دوختۇرلار ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر بىر زەھەردىن زەھەرلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.

بۈگۈن خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى زەھەرلىنىشكە سەۋەب بولغان ئاچچىقسۇنىڭ ئاپتوموبىللاردا ئىشلىتىلىدىغان توڭلاشقا قارشى سۇيۇقلۇق قاچىلانغان باكلاردا توشۇلغانلىقتىن، بۇ زەھەرلىك ماددىنىڭ ئاچچىقسۇغا ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە گۇمىدىكى خەلق ئارىسىدا بىرىنىڭ بۇ ئاچچىقسۇغا قەستەن زەھەر ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى گۇمان ۋە سۆز - چۆچەكلەر تارقالغان. ئىگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى لەمپۇڭچى ۋە ئاچچىقسۇ ساتقۇچىلارنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاچچىقسۇ ياسىغۇچىلارنىڭ ياكى شۇ زەھەرلىك باكتا توشۇغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان. بىز گۇما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغىنىمىزدا، دائىرىلەر بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. ھەتتا زەھەرلەنگەنلەر ئاپىرىلغان ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدىمۇ، ئۇلار ھەتتا خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئاللىقاچان ئېلان قىلىنىپ بولغان مەلۇماتلارنى بېرىشتىنمۇ باش تارتتى.