خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر بالىلارنى ئېلىپ-ساتىدىغان ئۈچ مىڭغا يېقىن گۇماندارنى قولغا ئالغان

ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئېلىپ-سېتىش، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئوغرىلىق قىلىش، زەھەرلىك چېكىملىك سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا سېلىش ھەرىكىتى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى زور ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.

0:00 / 0:00

دائىرىلەرنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنلا ئىچكىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنى يىغىپ، يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى قوزغىشى ھەر خىل گۇمان ۋە پەرەزلەرگە سەۋەب بولغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بالىلارنى قاچۇرۇپ، ئىچكىرىدىكى خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە ئوغرىلىق قاتارلىق ھەر خىل قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە سالغان 2749 گۇمانلىق ئادەم بېدىكى ۋە جىنايەت شايكىسىنى قولغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر خىل قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە سېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئامانلىق ئورگانلىرى ئىزچىل كۆرمەسكە سېلىپ كەلگەن بۇ مەسىلىگە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھەرىكەت «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخباراتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2011-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇر بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىي 2274 نەپەر ئۆسمۈر، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ۋە ھەر خىل جىنايەت شايكىلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان. ج خ ئورگانلىرىنىڭ بۇ يىل 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 7 ئۆلكە، شەھەردە ئېلىپ بارغان يېقىنقى ھەرىكىتىدە 90 نەپەر گۇماندار قولغا ئېلىنىپ، 28 نەپەر ئۆسمۈر قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان بالىلار ۋە قولغا ئېلىنغان ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەت ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىچكىرىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارغا سېلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى سىر ئەمەس.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاينىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى قوللىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش نىيىتى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتلەردىكى چەتكە قېقىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى سەمىمىي بولسا، مەزكۇر مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى نېمە ئۈچۈن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ھېچقاچان چۈشەندۈرۈپ باقمىدى. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىش ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەردىكى خىتاي جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، بۇ قارارغا كەلگەن. چۈنكى قارا جەمئىيەتلەر بالىلارنى كوچا، ئاپتوبۇس، سودا ساراي، پويىز قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا يانچۇقچىلىق، ئوغرىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا سېلىپ، خىتاي جەمئىيىتىدە خېلى زور غۇلغۇلا قوزغىغان. خىتاي جەمئىيىتىدىكى بۇ خىل جامائەت پىكرى خىتاي مىللەتچىلىكى كۈچەيگەن بەزى ۋاقىتلاردا، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقچىلىققا ئايلىنىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى يۇرتىغا، ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇزۇن يىل سەرسانلىق، سەرگەردانلىق، جىسمانىي، روھىي يېتىمچىلىك ۋە تەن جازاسىدا ياشىغان بۇ بالىلاردىكى پسىخولوگىيىلىك ياتلىشىشنى قانداق داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەسىلە بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش بىلەن ھەل بولغان بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى قوغداش، يېتەكلەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئىلگىرى ئىچكىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قىيىنچىلىقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرىدىغان مەكتەپ ياتاق ۋە ئاساسى مۇئەسسەسىلەرنىڭ يوقلۇقى، بەزى ئائىلىلەرگە پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، نامراتلىق سەۋەبىدىن ئۇلارغا قارالمايدىغانلىقىنى، زۆرۈر تەلىم-تەربىيە بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر يېقىندا قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك خەلق ئىشلار ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلەشمەكتە ئىكەن.