ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئېلان قىلغان «2011-يىللىق دۇنيا ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» دا، 2011-يىلى ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى 27 مىليون دەپ ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل خەلقئارا ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش قەدىمى بۇلتۇرقىدىن چېكىنگەن بولۇپ، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش خاتىرىسى ناچار بولغان دۆلەتلەر بۇلتۇرقى 13 دۆلەتتىن 23 دۆلەتكە كۆپەيگەن.
دوكلاتتا 184 دۆلەتكە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەر ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش دەرىجىسى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىلغان. ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، پولشا قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، تەيۋەن قاتارلىق يىگىرمە نەچچە دۆلەت ۋە رايونلار ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش خاتىرىسى ياخشى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. خىتاي، رۇسىيە ئافغانىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق 41 دۆلەت كۆزىتىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر ئاساسلىقى ئافرىقا، ئاسىيا، جەنۇبىي ئامېرىكا قاتارلىق قىتئەلەردىكى دۆلەتلەر بولۇپ، بىرما،شىمالىي كورىيە، لىۋان، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، ماۋرىتانىيە، ئالجىرىيە، تۈركمەنىستان قاتارلىق 23 دۆلەت بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلاري كلىنتون خانىم، 2011-يىللىق دۇنيا ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى زامانىۋى قاتناش تەرەققىياتى، ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قانۇن يوچۇقلىرىنىڭ خەلقئارا ئادەم ئەتكەسچىلىكى سودىسىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا تەيۋەننىڭ بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى توسۇش خىزمىتىدە ئالاھىدە نەتىجە يارىتىپ، خاتىرىسى ياخشى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئەمما دوكلاتتا بۇ يىل خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش خىزمىتىدە چېكىنگەنلىكى تەنقىدلىنىپ، خىتاينىڭ «ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش خىزمىتى كۆزىتىلىۋاتقان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ كۆزىتىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىدىكى سەۋەبلەر ئىزاھلىنىپ، خىتايدا گەرچە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ھەققىدە بىر قاتار قانۇن-تۈزۈملەر بېكىتىلىپ، قارارلار ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ خىتاي قانۇنىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ساختا پاسپورت ياساش، يۈك پاراخوتلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇن يۆتكەش قاتارلىق يوللار بىلەن خىتايدىن چەتئەللەرگە قانۇنسىز كۆچمەن يۆتكەش سودىسى قىلمىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەرلىك زەربە بەرمىگەنلىكى تەنقىدلەنگەن.
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە قانۇنسىز كۆچمەن يۆتكەش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئاياللارنى ئالداپ ئاپىرىپ سېتىۋېتىش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي دۆلىتى ئىچىدىمۇ ئاياللار ھەم بالىلارنى ئالداپ ئاپىرىپ سېتىۋېتىش ئىشلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە كۆپەيگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ، يانچۇقچىلىق قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا زورلانغان سەرگەردان بالىلار، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بەزمىخانىلارغا ئالداپ ئاپىرىپ سېتىۋېتىلگەن ھەم زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى مەسىلىسىنىمۇ ئوخشاشلا ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلماقتا.
بۇ يىل 4-ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەڭرىتاغ تور بېكىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە 20 مىڭدىن ئارتۇق نارەسىدە بالىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرگەردانلىقتا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى، بۇ يىل 20-ئاپرېلدىن 17-ئىيۇنغىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي 144 نەپەر ئۇيغۇر سەرگەردان بالىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان نارەسىدە بالىلارنىڭ 3858 ئادەم قېتىمغا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغان سەرگەردان نارەسىدە بالىلارنىڭ 17838 ئادەم-قېتىمغا يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە نارەسىدە بالىلارنى قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ بالىلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق قىسمەتكە يولۇققانلىقى، بالىلارنى ئالداپ ئاپىرىپ سېتىۋېتىشنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئامىللار ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەسلىكى، مەسىلىنى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلماسلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەبلەر بولماقتا.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشتا، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئوبرازى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە سەرگەردان بالىلارنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆپ بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.