گەرچە ئادەم ئىزدەش ئېلاندا بۇ قىزنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ قەشقەر قاغىلىق ئىكەنلىكى 28 - سېنتەبىر قارىمايدىكى ھەدىسىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنچە ھازىرغىچە خەۋىرى بولمىغانلىقى يېزىلغان بولسىمۇ، بۇ نارسىدىنىڭ قانداق مۇناسىۋەت بىلەن قاغىلىقتىن قارىمايغا كېلىپ قالغانلىقى يەنە نېمە سەۋەبتىن يوقاپ كەتكەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن.
11 ياشلىق بۇ نارسىدە نېمە قىسمەتلەرگە ئۇچرىغاندۇ ؟ ئۇمۇ ئۆزى بالا تۇرۇپ بالا باققۇچى بولغان بەختسىز قىزمىدۇ ؟ تۇراننىسا ئۇ قەيەردە ؟.... تۇراننىسا ھەققىدە تولۇقراق ئۇچۇرلار ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە قارىمايدىكى تۇراننىساغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى. تۇراننىسانىڭ ھازىرغا قەدەر دېرىكى بولمىغان بولسىمۇ ئەمما مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشىدە خېلى چىگىش سىرلار بارلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.
ساقچى :ئۇ بالا باققۇچى قىز بولىشى مۇمكىن
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بەزى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە جىددىي ئادەم ئىزدەش ئېلانى قويۇلدى. بۇ ئادەم ئىزدەش ئېلانىدا 11ياشلىق تۇراننىسانىڭ قارىمايدا بىر ھەدىسىنىڭ ئۆيىدىن 28 - سېنتەبىردە ئۆزىچىلا چىقىپ كېتىپ، قايتىپ كەلمىگەنلىكى يېزىلغان.ئېلان بەرگۈچى بۇ قىزنى ئەسلى يۇرتى قاغىلىقتىن ئېلىپ كەلگەن قارىمايدىكى ئائىلە ئەزالىرى بولۇپ ئۇلار ساقچى دائىرىلىرىگە تۇراننىسانىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن باشقا تېلېۋىزور ھەمدە تور بەتلىرىگىمۇ ئېلان بەرگەن. ۋە بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتىن، تورداشلاردىن بۇ قىزنى تېپىشقا ياردەم سورىغان.
پۈتۈن يۇرت روزا ھېيتنى قۇتلۇقلاۋاتقان پەيتلەردە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن 11 ياشلىق بۇ نارسىدە تۇراننىسانىڭ ئىز دېرىكىنى ئېلىش مەقسىتىدە دەسلەپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئېلاندىكى بىر قانچە تېلېفون نومۇرلىرىغا تېلېفون ئۇلاپ كۆردۇق. قارىماي شەھەرلىك قارا قۇرۇم يولى ساقچىخانىسىنىڭ بىر ساقچىسى، تۇراننىسانىڭ تۇغقىنى دەپ تونۇشتۇرغان بىرىنىڭ 30 - سېنتەبىردە دېلو مەلۇم قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ تېخى تېپىلمىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ يۈتۈپ كەتكۈچىنى بالا باققۇچى قىز بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تاراننىسانى كىم ئالداپ كەتتى؟
بىز تۇراننىسانىڭ قارىمايدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ ئالالمىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر قوشنىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. بىز ئىگە بولغان بۇ ئۇچۇرلار، نۇرغۇن سەھرا قىزلىرىغا ئوخشاش ئۆزى بالا تۇرۇپ بالا باققۇچى بولۇشقا مەجبۇر بولغان، باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرەلمىگەن 11 ياشلىق تۇراننىسانىڭ يۈتۈپ كېتىشىدە نۇرغۇن گۇمانلىق ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن قارىماي قارا قۇرۇم يولى ساقچىخانىسىغا قايتا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان ساقچى بۇ قېتىم ئۇيغۇرچە جاۋاب بەردى.
بىز مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل بولغان قارىماي رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قارمىقىدىكى 3 - رازۋېتكا بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق، ئەمما بىر خىتاي ساقچى بىزنىڭ ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلگەندىن كېيىن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
تۈزۈملەر سەۋەبلىك تۇراننىسا يۈتۈپ ئىككى كۈندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلىندى
بىز يەنە تۇراننىسانى ئىزدەش ئېلانىغا قويۇلغان يەنە بىر قول تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون ئۇلىدۇق. تېخى قورامىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئوقۇشتىن ئايرىلىپ، ئاتا - ئانىسى، مېھىرلىك سەھرادىن ئايرىلىپ ناتونۇش شەھەرلەرگە كىرىپ، ئىگىز ئىمارەتلەردىكى ئائىلىلەرگە سولىنىپ، بالا باققۇچى بولىشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھايىتىمۇ كۆپ ساندىكى نامرات يېزا بالىلىرىنىڭ بولۇپمۇ نارىسىدە قىزلار مەجبۇرى ھەمدە ئامالسىز يولۇقىۋاتقان تەقدىر. شۇنداقلا بۇ ئۆزى بالا تۇرۇپ شەھەرلەردە بالا باققۇچى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايلا قالماي، ئۇلار نۇرغۇن بەخىتسىزلىكلەرگە دۇچار بولۇپ كەلمەكتە. ھەتتا بالا باققۇچى قىزلارنىڭ ئاجايىپ پاجىئەلەرگە ئۇچرىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭمۇ روھىي ھەم جىسمانىي زەربىلەر تۈپەيلى پاجىئەلەر پەيدا قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىقمۇ مىساللار ئاز ئەمەس.
شۇنداقلا قورامىغا يەتمىگەن سەھرا قىزلىرىنى شەھەرلەرگە ئېلىپ كېلىپ بالا باققۇچى ياكى ئائىلە خىزمەتچى قىلىش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ھادىسە بولسىمۇ بالا باققۇچىلار ھەم ئۆي خىزمەتچىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىچە تەرتىپكە سېلىنمىغان ھەمدە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغان بىر ساھە.
يىللاردىن بۇيان بالا باققۇچى قىز ھېكايىلىرىنىڭ جەمىيەتتە كەڭ تارقىلىشى بىلەن بالا باققۇچىلارنىڭ ھەق ھوقۇقى مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ پاراڭ تېمىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى، بەش ئالتە يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن " سەھرالىق بالا باققۇچى قىز " ناملىق كىنومۇ بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ.
بىز تۇراننىسانىڭ قاغىلىقتىكى ئاتا ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ مۇمكىن بولمىدى، تۇراننىسا تېخى تېپىلمىدى، دۇنيادا بالىسىنى يۈتتۈرگەندىنمۇ قاتتىق ئازاب بولماس.
11 ياشلىق تۇراننىسانىڭ تەقدىرى ئۇيغۇر سەھرا قىزلىرىدا تەكرار - تەكرار قايتىلانماقتا. ئۇيغۇر جەمئىيىتى، بالىلار ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش دائىرىلىرى، خىتاي قانۇن ھەم مائارىپ دائىرىلىرى مىڭلىغان ئون مىڭلىغان تۇراننىسالارنىڭ نالىسىنى ئاڭلىمىدىمۇ؟ تۇراننىسا ئەمدى سىز قەيەردە دەپ ئىزدىگەنلەرنىڭ نىداسىنى ئاڭلارمۇ؟ تۇراننىسا سىز قەيەردە ؟
