قەشقەردە بىر ئۇيغۇر 6 نەپەر خىتاينى پىچاق بىلەن يارىلاندۇردى

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەرگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن، پىچاق بىلەن ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۇيغۇر، يارىلانغانلارنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى.

0:00 / 0:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە قەشقەردە بىر كىشىنىڭ 6 كىشىنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغانلىقى، ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ ساقچىلار ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن قورشاپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ گېلىگە پىچاق سۈرۈپ ئۆلۈۋالغانلىقىدەك بىر ۋەقەنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما خەۋەردە ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ۋە يارىلانغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

بۇ ۋەقە دەرھال بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ببس ۋە فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلدى.

بىز ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەردىكى مەلۇم بىر دۇكانغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خىتاي ئوقۇغۇچى بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ۋەقەنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى غەربىي رايون مەيدانىدا سادىر بولغانلىقىنى، ئۆيگە قايتقاندا شۇ يولدىن ماڭىدىغان بىر قانچە ساۋاقدىشىنىڭ ۋەقەنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ئۇيغۇر بولۇپ، ۋەقەدە يارىلانغانلار ھەممىسى خىتاي ئىكەن. بۇ خىتاي ئوقۇغۇچى يەنە، يارىلانغانلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئوقۇغۇچى، بىر ياشانغان بوۋاي ۋە بىر ئايال كىشى بارلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

بىز ئارقىدىن قەشقەر دائىرىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن قەشقەردىكى يارباغ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

ئۇ ساقچى بىزگە ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىقى ساقچى ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇنى پەقەت «بىر ئۇقۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققان جېدەل» دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ھەتتا شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەم ۋەقەگە چېتىشلىق مىللىي تەركىبلەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلدى.

بىراق، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ۋەقەنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا توختىماي كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت ۋە ياشاش ئىمكانلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن.

بۇ ۋەقە ھەققىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئېنىق كۆز قاراش ۋە باھاغا ئىگىدۇر.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئالىم سېيتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ماجىرا بولۇش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن كىچىكلىكىنى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى نەتىجىسىدە كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان مىللىي مەسىلە بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.