ئادىل ھوشۇر رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى 60 مېتىر ئېگىزلىكتە تۇرۇپ قوبۇل قىلدى

"پەلەك شاھى" دەپ نام ئالغان مەشھۇر ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ، بېيجىڭدىكى "قۇش چاڭگىسى" تەنتەربىيە زالى ئۈستىگە باغلانغان سىمدا 60 كۈن ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.

0:00 / 0:00

ئادىل ھوشۇر پائالىيەتنىڭ 9 ‏- كۈنى 60 مېتىرلىق سىم ئۈستىدە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سىم ئۈستىدە ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر دارۋاز مەدەنىيىتىنى دۇنياغا نامايەن قىلىش ئىرادىسىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئادىل ھوشۇر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.