ئادىل ھوشۇر ئۆزى ياراتقان جىنىس رېكورتىنى بۇزۇش ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى

مەشھۇر ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئەپەندىنىڭ ئۆزى ياراتقان جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى جىنىس رېكورتى يارىتىشىغا ئۈچ كۈن ۋاقىت قالدى.

0:00 / 0:00

3 ‏- ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلانغان 60 مېتىر سىم ئۈستىدە دارۋاز ماھارىتى كۆرسىتىش پائالىيىتى 60 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، دارۋاز ئادىل ھوشۇر سىم ئۈستىدە ئۇخلاش، ئولتۇرۇش ۋە يۈگرەشكە ئوخشاش قېيىنلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى.

سىم ئۈستىدە 57 كۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئادىل ھوشۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.