پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر 6 - قېتىم جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر ، 6 ‏- قېتىم دۇنيا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبە شادلىقىنى رادىئومىز دولقۇنلىرى ئارقىلىق جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

ئادىل ھوشۇرغا ھەم كەسىپداش، ھەم ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولغان ئايالىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ئادىلنىڭ كۆپ جاپا تارتقانلىقىنى، ئەمما چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغان ئادىلنى ھەر قانداق ئېغىر قىيىنچىلىق بويسۇندۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادىل ھوشۇر ئەپەندى جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىم ئۈستىدىن چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.