5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئادىلنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ كېتىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئادىلنى يەكلىدى؟ بوشۈن قاتارلىق خىتاي تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە 4 خىتاي ئايالنى قوغداپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. بىراق، ئۇ مۇكاپاتلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن قاتتىق يەكلەنگەن. ئۇيغۇر قوشنىلىرى ئۇنىڭغا سالام - سائەت قىلمىغان، كوچىلاردا ماڭغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىيىپ ياكى يىرگىنىش بىلەن قارىشىغا دۇچ كەلگەن؛ ئۇ ئاخىرى ئۈرۈمچىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئادىلنىڭ يۇرتنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قانداق بىر ۋەزىيەتنىڭ ئىنكاسى؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلاردا ئەل - جامائەتنىڭ پىكرى، توغرىنىڭ ۋە ئادىللىقنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارىلىدۇ. ئادەتتە جامائەتنىڭ نەزىرى مەسىلىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئەپۇچانلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈش ھاياتتىكى ئەڭ ئېغىر جازا دەپ قارىلىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئادىل مانا مۇشۇنداق ئېغىر بىر جازاغا دۇچ كەلدى؟ يەنى ئۈرۈمچى خەلقى نېمە ئۈچۈن ئادىلغا ئومۇميۈزلۈك نەپرەت بىلەن قارىدى؟ تۆۋەندە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھۈسەن ئەپەندىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.