ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن 'تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش' دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايدۇ

بۈگۈن 3‏ - ئاينىڭ 31‏ - كۈنى، گوللاندىيىنىڭ گاگا شەھىرىدە (گوللادىيىلىكلەر ئۆزلىرى 'دەن خاك' دەپ ئاتايدىغان شەھەردە) ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ بىر كۈنلۈك خەلقئارالىق يىغىنغا 90 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىللىرى كەلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون ۋە گوللاندىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزاي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىللارى كىلىنتون قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى. بۇ يىغىندا ھەربىي قىسىم ۋە ئۇرۇش راسخوتى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئافغانىستاننى قايتىىدىن قۇرۇش مەسىلىسى بويىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

خەمىت كارزاي 'دۇنيا ئەمدى تېررورچىلارنىڭ ھەر قانداق جايدا پاناھلىنىپ تۇرۇۋېرىشىغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك' دېدى

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزاي بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ 'يېڭى يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئافغانىستان يەنىلا خەلقئارانىڭ جىددىي ياردىمىگە مۇھتاج. ئافغانىستان ھازىر ئىككى يولنىڭ كېسىشكەن يېرىدە تۇرىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى بۇ يىغىن ئافغانىستاننىڭ ئىلگىرىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. دۇنيا ئەمدى تېررورچىلارنىڭ ھەر قانداق جايدا پاناھلىنىپ تۇرۇۋېرىشىگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك' دېدى.

خىلارى كىلىنتون بىلەن مەدى ئاقۇنزادنىڭ سۆھبىتى

'ۋاشىنگتون پوست گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موھەممەد مەدى ئاقۇنزاد يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىللارى كلىنتون بىلەن ئۇچراشقاندا ئافغانىستاندا ھازىرغا قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىغان چەتئەل قوشۇنلىرى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانچە كۆپەيتىلىسىمۇ، يەنىلا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئافغانىستان خەلقى ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى باشقا ھەر قانداق كىشىدىن ياخشى بىلىدۇ. ھازىر بۇ رايوندا يەنە قورچاق ھۆكۈمەت تىكلەش خاھىشى ئۆرلەپ قالدى ' دېگەن. خىللارى كىلىنتون ئۇنىڭغا ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىراندىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا يول ئېچىپ بېرىدۇ' دېگەن.

خىللىرى كىلىنتون يىغىندا 'يەر شارى خاراكتېرلىق تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى' دەپ جاكارلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىللىرى كىلىنتون بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە 'يەر شارى خاراكتېرلىق تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش" دېگەن سۆز ئاخىرلاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئاتالغۇنى قوللانمايدۇ' دەپ جاكارلىدى.

فرانسىيە ئافغانىستانغا بېرىدىغان ياردىمىنى تۆت ھەسسە كۆپەيتىشكە تەييار

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئېرىك شېۋاللىر بۈگۈنكى باياناتىدا 'فرانسىيە ئەمدى ئافغانىستاننىڭ غەيرى ھەربىي ئورگانلىرىغا بېرىدىغان ياردىمىنى تۆت ھەسسە كۆپەيتىشكە تەييار ' دەپ جاكارلىدى.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا چاقىرماقتا

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ گاگادىن تارقاتقان خەۋىرىدە، گاگادا ئېچىلغان بۇ خەلقئارا لىق يىغىندا، 80 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋەكىللىرى ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق سىياسەت قوللىنىش ھەققىدە ئويلاشتى، يىغىندا، ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش، زەھەرلىك چېكىملىككە ۋە تالىبانلارغا زەربە بېرىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندىس. بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقىرىشقا ياكى پۇل ئىئانە قىلىشقا چاقىرمايدۇ، دەپ بايان قىلدى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن تارقاتقان خەۋىرىدە ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ بۈگۈنكى باياناتىدا 'ھازىر ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ئىككى يولنىڭ كېسىشكەن يېرىدە ھەل قىلغۇچ ئۆتكەلگە كېلىپ قالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا چاقىرىدۇ' دەپ بايان قىلدى.

ئافغانىستاندا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە ھەرىكەت قوللانماقچى

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتى ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلغان ھامان، خىتاي بىلەن رۇسىيە موسكۋادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا ب د ت نىڭ، ناتونىڭ ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى تەكلىپ قىلدى.

يىغىندا خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە زەھەرلىك چېكىملىككە، تېررورچىلىققا، گۇرۇھلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر قاتار ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى، بۇ مەقسەت ئۈچۈن، خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ يىل يازدا يەنە خىتاي چېگرىسى ئىچىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى.