'بىز ئافغان خەلقىنىڭ خوجايىنى ئەمەس، پەقەت ھەمكارلاشقۇچىسى'

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، تۈنۈگۈن West Point ھەربىي ئاكادىمىيىسىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئافغانىستانغا 34 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى، 18 ئايدىن كېيىن، ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ئوباما نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى سەۋەبلىرى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە مەقسەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ئۇ ئالدى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشىنىڭ 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، يەنى 3000 بىگۇناھ ئىنسان 19 ھۇجۇمچىنىڭ ئايروپىلان ھۇجۇمىدا ئۆلگەندىن كېيىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى؛ ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن تەستىقلىغانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلاشقانلىقىنى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭمۇ قوللىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئافغانىستانغا تولۇقلىما ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە قانۇنىيلىقىنى تەكىتلىدى.

ئوباما تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان، ئەلقائىدەنىڭ غوللۇق ئەزالىرى يوقىتىلغان ۋە ئەزالىرى تارقىتىلغان بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى بۇ كۈچلەرنىڭ ئافغانىستان-تالىبان ئارىسىدا قايتا باش كۆتۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيانىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن، ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوباما ئەلقائىدە كۈچلىرىگە پاناھلىنىدىغان جاي قويماسلىق، تالىبان كۈچلىرىنىڭ قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىۋېلىشىغا ئىمكان بەرمەسلىك، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاننى ئىدارە قىلالىغۇدەك ئىقتىدارغا كېلىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق 3 نۇقتىنى، نۆۋەتتە ئافغانىستانغا ئەسكەر تولۇقلاشنىڭ ئېھتىياجى دەپ كۆرسەتتى.

ئوباما نۇتقىدا ئەلقائىدەنىڭ ئۆتكەن يىللاردا لوندون، ئاممان، بالى قاتارلىق شەھەرلەردە ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقىنى، تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستان چېگرىسىدا يەرلىك خەلقلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئافغان خەلقىنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى چۈشىنىشكە چاقىردى.

ئوباما ئافغان خەلقىغە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىز سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلارنى بېسىۋالماقچى ئەمەسمىز، بىز پەقەت، نۆۋەتتىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلىنىشگە ياردەم قىلىمىز، ئۆز ۋەتەنداشلىرىغا زۇلۇم سالىدىغان ئۆتمۈشتىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز؛ بىز ئافغانىستاندىن تېز ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە ئالدىرايمىز ۋە ئافغان خەلقى بىلەن دوستلۇقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز. ئامېرىكا ئافغان خەلقىنىڭ خوجايىنى ئەمەس، پەقەت ھەمكارلاشقۇچىسى."

ئوباما نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 60 يىلدىن بېرى، خەلقئارا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاكتىپ رول ئالغانلىقىنى؛ بۇ جەرياندا نۇرغۇن ۋەتەنداشلىرىنى قۇربان بەرگەنلىكىنى؛ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان جايلارغا، ب د ت ۋە دۇنيا بانكىسى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە ئاساسى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم خاتالىقلارنىمۇ ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئوباما بۇ نۇقتىدا مۇنداق بىر مۇھىم ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى: "بىز دۇنيادىكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئوخشاش، باشقىلارنىڭ ۋەتىنىنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنمىدۇق؛ بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا كۆز تىكمىدۇق؛ بىز باشقىلارغا دىنىي ۋە مىللىتى بىزگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇم سالمىدۇق؛ بىز پەقەت، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق؛ باشقىلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەركىنلىك ئىچىدە ياشىشىنى، ئۆزىمىزىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەخت ئىچىدە ياشىيالىشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قاراپ كەلدۇق."

ئوباما يۇقىرىقى سۆزلىرىگە مەنىداش ھالدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: "دۇنيانىڭ نەرىدە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلار بولسا، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەققى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.