خەلقئارا جامائەت ئافغانىستان پرېزىدېنت سايلىمىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ ؟

ئافغانىستاندا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ بىلەت تاشلاش پائالىيىتى پەيشەنبە كۈنى ئاياقلاشتى. مەزكۈر سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە رايوندىكى ناتو قوشۇنلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش پائالىيىتى پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلدى. ھازىرقى پرېزىدېنت كارزاي داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈش ئارزۇسىدا سايلامدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر خىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.

ئافغانىستاندا 7000 ئورۇندا تەسىس قىلىنغان بېلەت تاشلاش پونكىتلىرى پەيشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 7 دە ئېچىلغان، 170 مىڭ پارچە قانۇنلۇق بېلەت سائەت 4 گە قەدەر بېلەت ساندۇقىغا تاشلىنىپ بولۇشى شەرت قىلىنغان بولۇپ، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قوشۇنى بىرلىكتە 300 مىڭ ئەسكەر ۋە ساقچى ئاجرىتىپ مەخسۇس ھەر قايسى بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بىراق ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئافغانىستاننىڭ قەندەھار، غەززە ۋە كابۇل قاتارلىق جايلىرىدا ئايرىم - ئايرىم پارتلىتىش ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن.

سايلامنىڭ ئالدى ‏- كەينىدە ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇق كۈچلىرى، ھەر خىل ھۇجۇملارنى قوزغىغاندىن سىرت، 20 ئادەمنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇغانلىقى ھەققىدە، ھەتتا قولىدا بېلەت تاشلاش بەلگىسى بايقالغان كىشىنىڭ بارمىقىنى كىسىدىغانلىقى توغرىسدا قورقۇنچلۇق تەھدىتلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.

بىراق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى باياناتچىسى كابۇل ھۆكۈمىتىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەتبۇئاتلارنىڭ سايلام مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسا كىشىلەرنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى تەكىتلىدى.

بۇ ئارىدا، ئوباما ھۆكۆمىتى بولسا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دېموكراتىيە شەرتلىرى ئاستىدا يېڭى پرېزىدېنت ھۆكۈمىتىنى تىكلەش ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جامائەتنىڭ ئافغانىستاندا بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام نەتىجىسىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، تۈركىيىدىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تېنچ، مۇقىم بىر ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرىق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئومۇمەن ئافغان خەلقىنىڭ مەزكۈر سايلامغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە، ئۆزلىرىنى قانائەتلىنەرلىك سايلام نەتىجىسىگە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىشى، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.