ئامېرىكىدا ئافغان پرىزدېنتى كارزايغا بولغان كۆز قاراشلار ھەر خىل بولماقتا

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا پرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانغان خامىد كارزايغا بولغان ئىشەنچىسىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. سىياسەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خامىد كارزاي ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئىجابىي نەتىجە كۆرسىتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تەنقىدلەر ئىنتايىن كەسكىن ئىكەن.

0:00 / 0:00

مەتبۇئاتلاردا، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ۋاشىنگتوننى كارزايغا كۆپ تايانماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان مۇلاھىزىلىرى كۆپلەپ ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا پرىزدېنتى باراك ئوباما خامىد كارزايغا، ئامېرىكا خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، يەتمەكچى بولغان ئاساسىي مەقسەدنىڭ ئافغانىستاننى تىنچلىققا ئىگە قىلىپ، پاراۋانلىقنى بەرپا قىلىش شۇنىڭدەك كونا قاراشلاردىن ۋاز كېچىپ ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىراق، ئامېرىكىدىكى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېنڭشىنىڭ تەتقىقاتچىسى دانىيال ماركېينىڭ قارىشىچە خامىد كارزاي ھۆكۈمىتى ئاۋال ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشتىكى لاياقەتلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىكەن. ماركېي سۆزىدە، "كارزاي ھۆكۈمىتى بىرەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دادىل قارارلار قوبۇل قىلسۇن، ئۇنىڭ مەمۇرىيىتى يېڭىچە ئىشلەشكە ئۆتسۇن، ھازىرقى تۈزۈم بولسا نىمجان بىر تۈزۈم "دەپ ئەيىبلىگەن.

ئىلگىرى خامىد كارزاينى يېتىشكەن رەھبەر دەپ تەقدىرلىگەن ۋاشىنگتوندا بۈگۈن ئۇنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ھېسابلىنىدۇ. مەككېي "بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ" دېگەن. ئۇ، يەنە "بولۇپمۇ كارزاي، ئافغانىستاندا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ھەمدە بۇ ۋەزىپىنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى چۈشەنمەيدۇ، ئامېرىكا بولسا ئۇنىڭ دادىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ جىددى بىر ھەرىكەتكە ئۆتسە ئامېرىكا ئۇنى ھېلىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن كارزاينىڭ ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەش كۈنى ئۇزۇنغا بارمايدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئافغان ئالىمى ھاسىب ھومۇيۇننىڭ قاراشلىرى بولسا "ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت كۈرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بىشارىتىنى بەرمەكتە، بىراق ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىقلار پۈتۈنلەي رەتكە سېلىنىشى كېرەك " دېيىش بىلەن بىرگە "كارزاي ئەتىراپىغا چىرىك ئەمەلدارلارنى يىغىپ بولدى " دەپ ئەسكەرتتى.

ھاسىب ھومۇيۇن يەنە "ئافغانىستاندا مالىيە ۋە ھەربىي كۈچلەر ئەنە شۇ چىرىك ئەمالدارلارنىڭ قولىدا، كارزاينىڭ ئۇلارنى سوراققا تارتىپ، سادىر بولغان خاتالىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئاسان ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ مەسىلىنى جىددى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك " دەپ تەكىتلەيدۇ.

يەنە بىر مەسىلە تالىبان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق قىلىش كېرەك ؟

تەھلىلچىلەر، "خامىد كارزاي تالىبانلارغا قارىتا ئۇلارنى ھەمكارلىققا چاقىرىش شەپىسى بەرمەكتە " دېيىشكەن بولۇپ، ھۇمويۇن "بۇ بىر چوڭ خاتالىق، كارزاينىڭ مەزكۇر ھەرىكىتى تالىبانغا سىلەر كېلىڭلار، بىز سىلەردىن قۇتۇلالمايمىز دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟" ئافغان ھۆكۈمىتى شۇ قەدەر ئاجىزكى ئۇنىڭ ھەر بىر چاقىرىقى ئىلتىماس، يېلىنىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلماقتا، كىشىلەر قاتتىق ساراسىمدا، ئاخىرقى ھېسابتا ھۆكۈمرانلىق قىلىش كىمنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، دېگەن ئەندىشە ئىچىدە قالدى " دەيدۇ.

ھۇمويۇن سۆزىدە يەنە، " ئەگەر، ئامېرىكا ئافغان خەلقى تالىباندىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچسۇن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا ئافغان خەلقىنى ئۆز ئارزۇ ‏- مەقسەتلىرىگە يېتىشكە ئىشەندۈرۈشى شەرت، ئامېرىكا ھېچقاچان ئافغان خەلقىنى تاشلاپ قويمايدۇ، ئافغان خەلقىگە ئاخىرغىچە ياردەم بېرىدۇ، دېگەن ئىشەنچنى تۇرغۇزۇشى كېرەك" دەيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر، ئافغانلارنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىنكسسلادىن مەلۇم بولۇشىچە، قەندەھارلىقلارنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چىقىشى ئۈچۈن ئىككى ئۈچ يىل كېتىدىكەن، شۇڭا ئۇلار بىز بەرىبىر ئامېرىكىلىقلارنىڭ چاڭگىلىدا قالىمىز، ئۇلارغا تەن بەرمەستىن ئىلاجىمىز يوق دېيىشىدىكەن.

تەھلىلچىلەر يەنە، ئافغانىستاندا كېيىنكى يىللاردا خەلقنىڭ ھاياتى بىراز ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مەيلى ئامېرىكا ۋە ياكى ئۆز ھۆكۈمىتىگە بولسۇن ئىشەنچىنى يوقاتقان دەپ خۇلاسە چىقارماقتا.