پەيشەنبە كۈنىدىكى پرىزىدېنت سايلىمىغا ھازىرلىنىۋاتقان ئافغانىستاندا بۈگۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 7 كىشى قازا قىلغان، 50 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. ھۇجۇم كابۇل بىلەن جالالئابادنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مەيدانغا كەلگەن، رويېترىس ئاگېنتلىقى خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداش قىسىمى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ئارىسىدا باشقا دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى قەيت قىلغان.
مەزكۈر ھۇجۇم يۈز بېرىشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى، كابۇلدا ئىككى قېتىم راكىتا پارتلىغان، رويېترس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە يەنە، ئېتىلغان راكىتانىڭ بىرىنىڭ كابۇلدىكى پرېزىدېنت بىناسىغا يېقىن يەرگە، يەنە بىرىنىڭ كابۇل ساقچى ئىدارىسىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىقى ھۇجۇملار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، تالىبان مىلىتانلىرى، سايلام مەركەزلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل تەھدىتلەرنى ئىشلەتكەن ۋە ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرىدا ئىككى قېتىم كابۇلغا قارىتا ھۇجۇم قوزغىغان. بۇ ئارىدا رويېترس ئاگېنتلىقىدا سۆز قىلغان تالىبان باياناتچىسى بۈگۈن ئەتىگەن كابۇلغا قارىتىپ تۆت قېتىم راكىتا ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تالىبان قوراللىق كۈچلىرى 7 - ئايدا 43 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 17 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئويلىنىش تەلەپ قىلمايدىغان، ئەكسىچە مۈقەررەر ئېلىپ بېرىشقا تېگىشىلىك بىر مەيدان ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوباما نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئازايتىش، ئەمما ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، تالىبانلارغا قاراتقان زەربىنى كۈچلەندۈرۈشگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە ، ئافغانىستانغا 30 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
پەيشەنبە كۈنى ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى يېڭى سىياسىتى ئۈچۈن بىر چوڭ سىناق ھېسابلىنىدۇ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۈر سىياسىتى بىر تەرەپتىن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستاننى رايوندىكى مۇقىملىق تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن.
بىراق ئوباما ئافغانىستان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ، ئەنگىلىيە رادىئو ، تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە ، ئامېرىكىنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پرېزىدېنت كارزايىغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا زور دەرىجىدە پەسىيىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دەل مۇشۇ پەيتلەردە ، پاكستان ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئافغانىستان چېگرىسىغا قاراپ يولغا چىققان تالىبان باياناتچىسى مەۋلەۋى ئۆمەرنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۆمەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇملىرى قوزغىغان تالىبان رەھبىرى مەسخۇت مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى ئامېرىكا ئېلىپ بارغان بومباردىماندا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بۇلاردىن سىرت مەتبۇئاتلاردا يەنە ، كارزايىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، ئافغانىستاننىڭ سابىق گېنېرالى راشىد دوستۇمنىڭ ئافغانىستانغا كېلىپ سايلامغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى، ئافغانىستاندا ئۇرۇش دەۋرىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن دوستۇمنىڭ كارزايىنىڭ قايتا پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى قىياس قىلىنماقتا.
2004 - يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا 10 % ئاۋازغا ئېرىشكەن دوستۇم ، ئافغانىستاندىكى ئۆزبېكلەر تەرىپىدىن زور ھىمايىگە ئېرىشكەن، بىراق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا دوستۇمنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەتلىرى سادىر قىلغانلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىشىدىن بىئاراملىق ھىس قىلغان.
كابۇلدىكى سىياسىي مۈتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كارزايىنىڭ دوستۇمغا بىلدۈرگەن قىزغىن پوزىتسىيى قىسقا مۈددەتلىك سىياسىي نەتىجىگە ئېرىشىشتە ۋە ئافغانىستاندىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سايلامدا ئۇنىڭغا كۆپ بېلەت تاشلىشىنى قولغا كەلتۈرىشىدە ئىجابىي رول ئوينىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاۋازدىن مەھرۇم قېلىشىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر دوكلاتتا، ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلغان تالىبان ئۇرۇشىدا دوستۇم يېتەكچىلىك قىلغان ھەربىي قىسىمنىڭ يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى ئىچىدە نۇرغۇن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان، بۇ دوستۇمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن.
7 يىلدىن بۇيان پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كارزايىنىڭ، سايلامدا ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى 50 % كە يەتمەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ 29 مىڭ يېرىدە بېلەت تاشلاش بېكىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، سايلام بېكەتلىرىنى تالىباننىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭلىغان ئافغان قوشۇنى ۋە ناتو ھەربىي قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.