ئوباما ئافغانىستاندىكى باغرام ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا تۇرۇپ ئامېرىكا خەلقىگە قاراتقان نۇتقىدا ئالدى بىلەن ئافغان پرېزىدېنتى كارزاى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم ھەققىدە توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىر تارىخىي كېلىشىمگە ئىمزا قويدۇم. بۇ كېلىشىم دۆلەتلىرىمىزنىڭ يېڭى مۇناسىۋەتلىرىنى شەرھلىگەندىن باشقا، ئافغانىستان ئۆز دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغان، بۇ ئىككى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ئارىسىدا باراۋەر ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغان، ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ۋە يېڭى بابلار ئېچىلغان بىر كەلگۈسىنى شەرھلەيدۇ.
ئوبامانىڭ ئافغانىستاندىكى زىيارىتى بىر نەچچە سائەت داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئۇ جەريانىدا ئامېرىكا-ئافغانىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان ئىدى.
ئۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئافغانىستانغا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تارىخىي دەقىقىلەرنى ئافغانىستان تۇپرىقىدا خاتىرىلەش ئۈچۈن كەلگەنلىكى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: مەن بۇ يەرگە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق رىشتىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئافغان خەلقنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا تۆلىگەن بەدەللىرىگە رەھمەت ئېيتقىلى كەلدىم.
ئوباما ئامېرىكا خەلقىگە قارىتىلغان تېلېۋىزىيە باياناتىدا كېلەر يىلىغىچە ئافغانىستاندىكى بارلىق ئالدىنقى سەپ ئۇرۇش لىنىيىسىنىڭ ئافغان قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى ناتو قىسىملىرىنىڭ پەقەت ئافغان ئەسكەرلىرىگە ھەمدەمدە بولۇش ۋە ئافغان ئەسكەرلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق روللارنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيىسى ئافغانىستاندىكى ھەربىي ۋەزىپىلىرىنى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتۈنلەي تاماملايدىغانلىقىنى بېكىتكەن ئىدى.
پرېزىدېنت ئوباما تېلېۋىزىيە باياناتىدا يۇقىرىقى نۇقتىدا توختالغان بولسىمۇ، ئەمما دىققەتنى نۆۋەتتە ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلىۋاتقان 88 مىڭ نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىگە قاراتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالمىغان تەقدىردە مەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى خەتەر ئېغزىغا بىر كۈنمۇ ئارتۇق تاشلاپ قويمايمەن. بۇ ئۇرۇش ئافغانىستاندا باشلانغان ھەمدە دەل مۇشۇ يەردە ئاياغلىشىدۇ.
ئوباما باياناتىدا يەنە، ئافغانىستاندىكى 88 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ 23 مىڭى بۇ يىل يازغىچە ئافغانىستاندىن قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى، قالغانلىرىنى مۇقىم قەدەمدە تەدرىجىي قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت ئوباما تېلېۋىزىيە بايانىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراق ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، خەتەر ئېغىزىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 50 پىرسەنت ئازايتىلغان ئىدى. يەنە كۆپلىگەن ئەسكەرلىرىمىز ئۇزۇنغا قالماي ئۆيگە قايتىدۇ. بىز ئەل قائىدىگە ئادالەتنىڭ تەمىنى تېتىش بىلەن بىرگە، ئافغانىستاندىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىدىغان ئايدىڭ يولغا ئىگىمىز.
مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان دائىرىلىرى ئافغان پرېزىدېنتى كارزائىنى «ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكىغا سېتىۋەتتى» دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئامېرىكا بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىمشىدىن كېيىن يۇقىرىقىدەك ئەيىبلەشلەرگە خاتىمە بېرىلىدىكەن.
كارزاى مەكۇر كېلىشىم ھەققىدە توختىلىپ: بىز بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش ئارقىلىق ئۆتكەن ئون يىلغا خاتىمە بېرىپ، تەڭ-باراۋەر مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى پەسلىنى باشلىدۇق، دېدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئافغانىستان بىلەن تۈزۈلگەن كېلىمشىنى «تارىخىي كېلىشىم» دەپ ئاتىغان ئىدى.
مەزكۇر كېلىشىمىدە قانداق ماددىلارنىڭ پۈتۈلگەنلىكى ھازىرچە ئاخباراتقا ئاشكارىلانمىدى. ھالبۇكى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلىشىمىدە ئامېرىكىنىڭ 2024-يىلىغىچە ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىكەن.
كېلىشىم پۈتۈلگەندىن كېيىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش» كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2001-يىلى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە، يەنى شۇ يىلى 7-ئۆكتەبىر ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە بىرلەشمە قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان ئىدى. مەزكۇر ئۇرۇش باشلانغىنىغا 10 يىلدىن ئاشتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.