'ئافغانىستانغا تېخىمۇ كۆپ ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىلىشى كېرەك'

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ستانلى مېككىرىستال "ئامېرىكا ئەگەر ئافغانىستانغا بىر يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتمىسە، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ،" دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.09.21
NATO-Afghan-mountain-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺷﺘﺎ.
AFP Photo

ستانلى بۇ سۆزنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا يوللانغان مەخپىي دوكلاتتا قىلغان بولۇپ، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ مەخپىي دوكلاتنىڭ بىر قىسىمىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئېلان قىلغان ، بۇ سۆزلەر بۈگۈن باشقا مۇھىم مەتبۇئاتلارنىڭ باش سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

دوكلاتنىڭ ئاشكارىلانغان قىسىملىرىدا ئافغانىستاندىكى خەلقئارا كۈچلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ يامىنىغا كېتىۋاتقانلىقى، ئەگەر بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىنمىسا تالىبانغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقى ئىپادە قىلىنغان.

سىتانلىي مېككىرستال دوكلاتتا "يېتەرلىك مەنبەنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىمىز مۇمكىن. مەنبەلەر تولۇق بولمىسا، ئۇرۇشمۇ ئۇزىراپ كېتىدۇ، چىقىممۇ ئېشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، سىياسىي جەھەتتىكى قوللاشلاردىنمۇ مەھرۇم قېلىشىمىز مۇمكىن" دەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ستانلى مېككىرىستال يەنە رايوندىكى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ( ناتو) قىسىملىرىنىڭ كۈچىنى تالىبانلارغا قارشى خەلقنى قوغداشقا قارىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ دوكلاتىدا يەنە ئافغانىستاندا ئەۋجى ئېلىۋاتقان چىرىكلىك يۈزىسىدىن ئافغان خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان رايىنىڭ يېنىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ستانلى مېككىرىستال بۇ مەسىلىنى ئالدىنقى ئايلاردا ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرىغا يوللىغان دوكلاتىدىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئافغان خەلقىنىڭ تالىبانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن بىر ياخشىلىنىش ئېلىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭمۇ ئۇرۇشتا نەتجىگە ئېرىشەلمەسلىكنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما، ئامېرىكىلىق قوماندان دوكلاتىدا ئەگەر ئافغانىستانغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىلىپ، تالىبان كۈچلىرى كونترول قىلىنغان تەقدىردە ئۇرۇشتا يەنىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، قوماندان سىتانلىي ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە قوشۇمچە ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىش تەلىپىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىراقتىكى ھەربىي قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ، ئافغانىستانغا يۆتكەش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن. ماي ئېيىدىن باشلاپ ئافغانىستانغا 30 مىڭ كىشىلىك ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىلىپ، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى بىر ھەسسە كۆپەيتىلگەن ئىدى.

تېخى يەكشەنبە كۈنىلا باراك ئوباما ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ كۈن تەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئائىت سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن قاچان چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىق ياكى ئەۋەتمەيدىغانلىق ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋابەن ئالدى بىلەن رايوندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە توغرا بىر ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ بېرىش كېرەكلىكىنى ھەم بۇ ئىستراتېگىيىنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى، مىللىي خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ۋە ئافغانىستاندىكى قوماندانلارنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئوبامانىڭ ئافغانىستانغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ راسخوت ئاجرىتىش مەسىلىسىنى قاتتىق ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تۈركىيە خەلقئارا ستراتەگىزە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندى بىزنىڭ ئۆتكەن پروگرامىمىزدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا ئامېرىكىنىڭ بۇش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە پۈتۈن كۈچىنى ئىراققا قارىتىش بىلەن قاتتىق خاتا سىياسەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: "ئامېرىكىغا كېلىدىغان تەھدىتنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئافغانىستان. ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ئافغانىستانغا ئەسكەرلىرىنى يۆتكەشكە باشلىدى. ئەگەر، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچلىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورنىنى قايتىدىن تىكلىشى كېرەك."
 
ئەگەر قوماندان ستانلى مېككىرىستال ئافغانىستانغا ياردەمچى قوشۇن يۆتكەش مەسىلىسىنى رەسمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويسا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا كېتىدىغان راسخوت مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن مۇنازىرە قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.