خىتاي ئافغانىستاندىن نېمە تاپىدۇ؟
ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە خىتاينى ئۈچ كۈن زىيارەت قىلدى. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگولار خامىد كارزاي بىلەن سۆزلەشتى. ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلىې بىلەن ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇللا ۋارداك كۈرۈشكەندە، خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانسىتان ئىستراتېگيىسى، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى مەنپەئەتلىرى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېڭى چېگرا )شىنجاڭ( نى مۇقىم قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ رايوندىكى ئامېرىكا - ئافغانىستان، خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئەمما بۈگۈنگە قەدەر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ھەقتە تېخى ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئافغانىستاننىڭ بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشى قېيىن بولماسمۇ؟
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم خامىد كارزاي خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى، ئالدى بىلەن كىشىلەردە، يىللاردىن بۇيان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا تۇرۇۋاتقان ئافغانىستاننىڭ باشقا دۆلەت بىلەن، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ئىقتىساديي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشى قېيىن بولماسمۇ دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلدى.
يېڭى چېگرانى قوغداش ئۈچۈن ئافغانىستان بىلەن ھەمكارلىشىش - - - خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى
بېيجىڭنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى ما جالىنىڭ قارىشىچە، گەرچە خامىد كارزاي خىتايدا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى شىركەتلىرى ۋە ئادەملىرىنىڭ بىخەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستان تىنچ ئەمەس. تېخى ئۆتكەن ئايدىلا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم تالىبانلارنىڭ خېرماندادىكى بازىسىغا قارىتا تازىلاش ئېلىش بارغاندا، تالىبانلار بىۋاستە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ دۆلەتتە چەتئەللىكلەرنىڭ تۇرۇشى خەتەرلىك. لېكىن خىتاي ھازىر بۇنداق خەتەرگە قارىماي، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى دۆلەت مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمىدى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئەلقائىدىچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭى چېگراسىنى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن، ئافغانىستان بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. شۇڭلاشقا خىتاي ئافغانىستاندىكى خىيىم - خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەۋجۇتلىقى خىتايغا زىت
ئامېرىكىنىڭ كارنىجى خەلقئارا تىنچلىق فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېي مىنشىننىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى پاكىستاننى ھىندىستانغا قارىتا كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئافغانىستاندا پاكىستانغا دوست بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئافغانىستاننىڭ مىس بايلىقى مول. خىتاي مىس كان ئېچىش ئۈچۈنلا ئافغانىستانغا 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى. خىتاي بۇ مەنپەئەتىنى قوغدىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر نەپەر ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستان مەسىلىسىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئافغانىستاندا تۇقۇنۇشۇپ قالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ يۈكنى چۆرۈۋەتمەكچى، ئەمما خىتاي بۇ يۈكنى ئامېرىكىدىن ئۆتكۈزۈۋالمايدۇ، پەقەت چەكلىك دائىرىدە ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىغا ياردەم بەرمەكچى، ئەمما مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى نىشانى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، يەنى ئەلقائىدىچىلەرگە زەربە بېرىش. يەنە بىرى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك مەۋجۇتلىقى. تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يوق، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەۋجۇتلىقى خىتايغا زىت. پەقەت بۇ زىددىيەت تېخى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقمىدى. كەلگۈسىدە بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
خامىد كارزاي خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا ۋە پاكىستان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خامىد كارزاي خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋە خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان كۈنلەردە،ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ ئېلىپ بېرىلدى. بۇ دىئالوگتا، ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ھازىرقى ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، بەلكى ئۇنىڭدىن ھالقىپ، پاكىستاننىڭ سۇ، ئېنىرگىيە كاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتىمۇ ھەمكارلىشىشقا كېلىشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.