ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزائىي سەيشەنبە كۈنى رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن خىتايغا يۈرۈپ كەتتى. خامىد كارزائىي بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان 3 كۈنلۈك زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋىن جياباۋلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن. كارزائىي خۇ جىنتاۋ بىلەن چارشەنبە كۈنى ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، كارزائىينىڭ باياناتچىسى ۋاھىد ئۆمەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ئاساسىي تېما تىجارەت بولىدىكەن. ئىككى تەرەپ يەنە تالىبان بىلەن سۆھبەتلىشىشكە دائىر پىلانلار توغرىسىدىمۇ سۆزلىشىدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزائىينىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۆز - ئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ رايوندىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چىڭ گاڭ سۆزىدە يەنە: بىز ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى تەقەززاسىنىڭ تېنچلىقنى بەرپا قىلىپ، ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، دېگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئافغانىستاننىڭ يەر ئاستى مەنبەلىرىگە قىزىقىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي ئافغانىستاندا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشنى ئارزۇ قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ : "بىز مۇقىم، تېنچ ۋە مۇستەقىل بىر ئافغانىستان كۆرۈشنى خالايمىز. بىز ھەر دائىم ئافغانىستاننىڭ تېنچلىقى ۋە قايتىدىن قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز " دېگەن.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خامىد كارزائىينىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە گەرچە تىجارەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئافغانىستاندا تىنچلىق يارىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ يېقىن دوستى بولغان پاكىستاننىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. خامىد كارزائىي ئافغانىستاندىكى تالىبان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پاكىستان بىلەن ھەمكارلاشماقچى. شۇڭا خىتاينىڭ پاكىستاننى ماقۇل كەلتۈرۈپ بېرىشىنى سوراش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلدى.
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھازىر ئافغانىستاندا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھىزبى - ئىسلامغا ئوخشاش بىر قىسىم قوراللىق ئىسيانچىلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، خامىد كارزائىينىڭمۇ يېقىندا ھىزبى ئىسلامنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر خامىد كارزائىينىڭ بېيجىڭ زىيارىتىنىڭ بىرىنچى مەقسىتى يەنىلا تىنچلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
رويتېرس بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: خىتاي ئۈچۈن ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇنداق بولغاندا خىتاي مەبلەغ سالغان مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىش پىلانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي يەنە غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايون بولغان ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدىغان تەھدىتتىنمۇ قۇتۇلغان بولىدۇ.
خىتاينىڭ ھازىر ئافغانىستاندا خىتاينىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن سالغان 4 مىليارد دوللار قىممىتىدە مەبلىغى بار بولۇپ، بۇ ھەم ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر ئافغانىستانغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئافغانىستاندا ئۇرۇشنىڭ ئاياقلىشىپ تىنچلىقنىڭ بەرپا بولۇشىغا بولغان گۇمانىي قاراش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافغانىستانغا ئورۇنلاشقان ئامېرىكا ۋە ناتو ئەسكەرلىرىمۇ خىتاينى ئىككىلەندۈرمەكتە.
شاڭخەي ئېنىستىتۇتىنىڭ خەلقئارا مۇناسۋەتلەر تەتقىقاتچىسى جاۋ گەنچېڭ رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە: خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئىش پىلانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندا قىلغان ئەسكىرى ھەرىكەتلىرىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ تۇرۇپ ئافغانىستانغا داۋاملىق مەبلەغ سالىدىغان - سالمايدىغانلىقىنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىلىق بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تالىبان كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ چىقىم تارتىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بولسا ئامېرىكىنىڭ قوغدىشى سايىسىدە ئافغانىستاندىكى كان بايلىقلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى غەملىۋالغانلىقىنى يېزىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشتىن ئەمەلىيەتتە كىم پايدا ئېلىۋاتىدۇ دەپ، بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىغا سوئال قويغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.