خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدە گۆرۈگە ئېلىنىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

يېقىندىن بۇيان ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى خىتاي شىركەت ئىشچىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە ئافرىقىغا ئەڭ زور مەبلەغ سالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ، ئافرىقىدىكى شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك ئافرىقىلىق ئىشچىلارغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ ھالدا مۇئامىلە قىلغانلىقى ھەمدە ئافرىقىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆز خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇشىغا كۆز يۇمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يەرلىك ئافرىقىلىقلار ھەم ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2000 - يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى ۋەزىيىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بولۇپمۇ 2012 - يىلى 29 - يانۋار يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچى تەشكىلات سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى ناملىق قوراللىق تەشكىلات تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىشى ھەم ئارقىدىنلا 31 - يانۋار سەيشەنبە كۈنى يەنە 25 نەپەر خىتاي ئىشچىسىنىڭ مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدا بېدوئىنلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىشى قاتارلىق ۋەقەلەر خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئوبرازى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ئاساسى تېمىسى بولدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئافرىقىدا گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن خىتاي ئىشچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ھەر ئىككى تەشكىلاتنىڭ شۇ دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئۇندىن باشقا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ئىشچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشتىكى مەقسەتلىرىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەشكىلات شۇ دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلقنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە كۆز يۇمغانلىقىغا نارازىلىق ئىپادىلەنگەن.

29 - يانۋار كۈنى سۇداندا خىتاي ئىشچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان، سۇداننىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشكىلات سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى ناملىق قوراللىق تەشكىلات ئۆز تەلىپىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۇدان ھۆكۈمىتىنى نېفىت ئۈچۈن سۇداندا ئۆز خەلقى بىلەن ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بارماسلىققا دەۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 31 - يانۋار سەيشەنبە كۈنى 25 نەپەر خىتاي ئىشچىسىنى مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدا گۆرۈگە ئېلىۋالغان بېدوئىنلار ئۆز تەلىپىدە، مىسىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن 2004 - يىلدىن 2006 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، شۇ جايدىكى پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قولغا قولغا ئېلىنغان 5 نەپەر بېدوئىننى قويۇپ بەرسە، گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي ئىنژېنېرى ھەم خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىسىردا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 25 نەپەر خىتاي ئىنژېنېرى ھەم ئىشچىلىرى بىر كۈندىن كېيىن يەنى چارشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلدى. ئەمما سىناي يېرىم ئارىلىدىكى بېدوئىنلارنىڭ قانداق شەرت ئاستىدا تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي ئىشچىلىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى ياكى مىسىر ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەتكە چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.

خىتاي بىلەن سۇدان ھۆكۈمىتى ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادى ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنى كۆپەيتتى.

ئافرىقىدا تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان ئىنگلىز تىلىدىكى «پۇقرالار گېزىتى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئافرىقىغا ئەڭ زور مەبلەغ سالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆز خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇشىغا كۆز يۇمۇشى، ھەتتا بۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يەرلىك ئافرىقىلىقلار ھەم ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئەنگلىيە ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 2 - فېۋرال كۈنىدىكى بىر مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ سۇداندا گۆرۈگە ئېلىنىشى، خىتاينىڭ سۇدانغا مەبلەغ سېلىشىنى ئاستىلىتىپ، خىتاينىڭ سۇداندىكى نېفىت قۇدۇقلىرى قۇرۇلۇشى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي ئىشچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان، سۇدان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچى تەشكىلات سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئەسلىدە جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلات 2011 - يىلى جەنۇبىي سۇداندا مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇردى. نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ شىمالىي سۇداندىكى تەشكىلاتى بىلەن سۇدان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش 2011 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ قايتىدىن داۋاملاشماقتا.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى مەبلەغ سېلىشىدا پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا چىقىش قىلىپ، شۇ دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆز خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ھەم بۇ دۆلەتلەردە دەپسەندە بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بىلەن كارى بولماسلىقى بۇ دۆلەتلەردىكى ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭلا نارازىلىقىغا ئۇچراپ قالماستىن بەلكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.