كۇچا ئايرودرومىدا مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەرزدارلار ۋەكىلى، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە تەلەپ قىلغان تۆلەم سوممىسىدىن مەلۇم دەرىجىدە ۋاز كەچكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭمۇ، تۇتۇۋېلىنغان تۆلەم پۇلىنى مو بېشىغا ئاز دېگەندە 7000 يۈەندىن قايتۇرۇشقا قېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يەنە، 8-فېۋرال كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمنى ئاغۇ يېزىسىدىكى ئاھالىلەرگە ئۇقتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.
كۇچانىڭ ئاغۇ يېزىسىدا، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاھالىلەر، دۆلەتتىن بېرىلگەن يەر تۆلەم پۇلىغىمۇ تولۇق ئېرىشەلمىگەن. تۆلەم پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ناھىيە، يەنە بىر قىسمىنى كەنت ئىگىلىۋالغان؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاھالىلەر ۋەكىللىرى بىلەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىسىدا تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئاغزاكى كېلىشىم بويىچە، ھۆكۈمەت تەرەپ كەنت ئىگىلىۋالغان پۇلنى قايتۇرۇشقا ماقۇل بولغان.
بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، دائىرىلەر بىلەن ئامما ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە، ئاساسەن ئاۋام تەرەپ يېڭىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار تارتقان زىيانلىرى ئۈستىدىن داۋا قىلىش ئەمەس، ھەتتا بەزى جايلاردا تىلغا ئېلىشقىمۇ پېتىنالماي كەلمەكتە. ئاغۇ يېزىسىدىكى ئاھالىلەر، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئۆز-ئارا بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش يولى بىلەن، بېيجىڭغا قەدەر ئەرز قىلىپ بارغان. ئەرز قىلىپ بارغانلارنىڭ چىقىمىنى ئاھالىلەر بىرلىكتە تۆلىگەن. ئاخىرى دائىرىلەرنى پوزىتسىيىسىنى يۇمشىتىشقا، ئىگىلىۋالغان پۇلىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان.