كۈچلۈك سىياسىي قاراتمىلىققا ئىگە تەنقىدى سەنئەت ئەسەرلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «سەنئەتكە نەزەر ژۇرنىلى» نىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى سانىدا، يەر شارىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك يۈز شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشى، بۇلتۇر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۆكتىچى ليۇ شياۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەندىن بۇيان، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يەنە بىر قېتىملىق خەۋەر تېمىسىغا ئايلاندى.
چەتئەلدىكى دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، ئەي ۋېيۋېينىڭ دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخسنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ باھالىنىشىنىڭ خىتاي سەنئەتكارلىرى ئۈچۈن، پەخىرلىك ئىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئەي ۋېيۋېيگە بۇ خىل مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشىنى ئەيىبلەيدىغان خەۋەرلەر بېسىلدى. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىڭ بۈگۈن ئەتىگەن بايانات ئېلان قىلىپ، «سەنئەتكە نەزەر ژۇرنىلى» نىڭ ئەي ۋېيۋېيگە بۇ خىل مۇكاپاتنى بېرىشنى قارار قىلىشىدا «مەلۇم سىياسىي مۇددا يوشۇرۇنغان» دەپ ئەيىبلىدى.
«سەنئەتكە نەزەر ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى راپورت ئەي ۋېيۋېينىڭ 100 مەشھۇر شەخسنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ كۆرسىتىلىشى، سەنئەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلاردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىنىڭ قارارى بىلەن بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «سەنئەتكە نەزەر ژۇرنىلى»نىڭ ئەي ۋېيۋېيگە بۇنداق مۇكاپاتنى بېرىشىنىڭ ھەرقانداق سىياسىي غەرەزدىن مۇستەسنا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېيمۇ بۈگۈن ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ مۇكاپاتتىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەي ۋېيۋېي مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى يارىماس ئىللەتلەرنى تەنقىد قىلغان سەنئەت ئەسەرلىرى بەزىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغىنى ئۈچۈن، بۇ يىل 6-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەركىن پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«شۇنداق، ھازىر مېنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىم يەنىلا نازارەت ئاستىدا. تاماق يېگىلى سىرتقا چىقسام، نەرسە-كېرەك ئېلىش ئۈچۈن ماگىزىنغا بارسام ساقچىلارغا دەپ قويۇشۇم كېرەك. بىر يىلغىچە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سىرتىغا چىقىشىم چەكلەندى. ئەمما سەنئەت ئىجادىيىتىمنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن.»
ئەي ۋېيۋېي مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن، سەنئەت ئەسەرلىرىدە جەمئىيەتتىكى ناباب تەرەپلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ھەم ئۆز پىكىر قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ بىر سەنئەتكاردا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەي ۋېيۋېي «دائىرىلەر مېنى قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى، مېنى مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا، ئوچۇق ئاشكارا پىكىر بايان قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. بىرنەچچە ئايدىن بۇيان مەن ئاساسەن دائىرىلەرنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىپ كەلدىم. ئەمما مەن بىر سەنئەتكار ھەم بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە يەنىلا پىكىر بايان قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارايمەن. بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرگىمۇ ئۆزۈم مەسئۇل بولىمەن.» دەيدۇ.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ 100 مەشھۇر شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشىغا قارشى تۇرۇشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىكى ناباب مەسىلىلەرنى تەنقىد قىلغۇچى ئۆكتىچىلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە قوللاشقا ئېرىشىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاجىز ھالقىلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى سەۋەبىدىن ئىكەن.