ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ ئۆيىدىن قاچقان پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئايال 4 بالىسى بىلەن يۇرتىغا قايتتى

15 يىلنىڭ ئالدىدا بىر پاكىستانلىققا توي قىلىپ، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىگە يەرلەشكەن بىر ئۇيغۇر ئايال، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان.

0:00 / 0:00

ئۇ يۇرتىغا قايتماقچى بولغاندا، پاسپورت ۋە ۋىزا رەسمىيەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان ئىدى. 10 ئايدىن بېرى پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھىمايىسىدە ياشاپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇر ئايال، تۈنۈگۈن پاسپورت ۋە ۋىزا ئىشلىرى تاماملىنىپ، 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە يۇرتى كورلىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسىغا بولغان نارازىلىقى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ئاسىيە كېرىم، ئىسلامئاباددىكى خەلقئارالىق ئايرودرومدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئالدىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

بىز ئاسىيە كېرىم ۋە 4 بالىسىنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەكبەرجاننى زىيارەت قىلدۇق.

ئاسىيە كېرىمنىڭ پاكىستانلىق يولدىشى 5 يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىگە تىجارەت ئىشى بىلەن كېتىپ، ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغان. ئاسىيە يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، يولدىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالماقچى ۋە بىر يىلدىن بېرى ئوقۇشسىز قالغان 4 بالىسىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى.