مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرى، دەۋاگەرگە، ئەگەر قاتىلدىن ھەق تەلەپ قىلسا، قاتىلنىڭ ئېتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن دەۋاگەر ھەق تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كېچىپ قوشلاپ زىيان تارتقان. سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ خىل قوش زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاگەرلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قۇربان سەيپىدىن ۋە مەمەت سەيپىدىن، 1990-يىللارنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى دوللار بازىرىدا تونۇلغان ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىلەردىن ئىدى. 1994-يىلى دوڭبېيلىق بىر خىتاي مەمەت سەيپىدىننى، يالغاندىن دوللار سېتىۋېلىش باھانىسى بىلەن مېھمانخانىغا چاقىرىپ پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن. قاتىل سوتلىنىشنىڭ ئالدىدا، سوتچىلار دەۋاگەر قۇربان سەيپىدىنگە قەستەن خاتا مەلۇمات بېرىپ، ئۇنى قاتىلدىن ھەق تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرگەن. نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە قوشلاپ زىيانغا ئۇچرىغان.
ئۈرۈمچىدىكى سوتچىلارنىڭ بۇ دېگەنلىرى توغرىمۇ؟ راستىنىلا جىنايەتچى تۆلەم تۆلىسە ئۇنىڭ جىنايىتى يەڭگىللەمدۇ؟ بۇ ھەقتە سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ.
مەزكۇر دېلودا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە ھەم قاتىلنىڭ ھەم سوتچىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. دەۋاگەر قۇربان سەيپىدىننىڭ 17 يىللىق ھاياتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدا ئەرز سۇنۇش ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن ئۆتكەن. ئەينى يىللاردا جەمئىيەتتە قۇربان دوللار دەپ تونۇلغان ۋە تىجارەتتە تېز روناق تاپقان بۇ كىشى بۈگۈن، ئۈرۈمچىنىڭ تاشبۇلاق دېگەن رايونىدا چېقىلىش ئالدىدىكى بىر خارابە ئۆيدە كۈن كەچۈرمەكتە.