تۈركىيە گېزىتىدە ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۇچۇر تارقالدى

تۈركىيىدە چىقىدىغان تۈركىيە گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى 29 - ئىيۇندىكى سانىدا «چوڭ پاجىئەنىڭ قۇربانلىرى ئالبانىيىدە» دېگەن تېمىدا بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە گۇەنتانامۇ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تۈرمۇش ھاياتى ۋە ئارزۇ - ئىستەكلىرى توغرىسىدا ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سوھبەتكە ئورۇن بېرىلگەن.

0:00 / 0:00


بۇ زىيارەت خاتىرىسىگە يەنە چوڭ خەتلەر بىلەن، ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىپادىلەنگەن: «ۋەتىنىمىزنى تارتىۋالدى» دېگەن تېمىدا قوشۇمچە نام بېرىلگەن. بۇ زىيارەت خاتىرىسى تۈركىيە گېزىتىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىلىپ ئېلان قىلىنىدى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۇيغۇر دىيارىنى كۆرسىتىۋاتقان كۆرۈنۈشنىڭ چوڭ ھەجىملىك سۈرىتىمۇ قوشۇپ ئېلان قىلىنغان.

زىيارەت خاتىرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: يىراقلاردا ئۈمىد كۆپ، ئۆز ۋەتىنىنى بىر مىنۇتمۇ ئىسىدىن چىقارمىغان ئۇيغۇرلار، سېغىنىش ئىچىدە، ھەسرەتلىك ھاياتنىڭ بىر كۈنى، ۋىسالغا يېتىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قاراپ ھاياتقا ئىنتىلىپ ياشايدۇ. ئۆز ۋەتىنىنى خەرىتىدىن كۆرسىتىۋاتقان چاغدىمۇ چوڭقۇر بىر ئاھ! تارتقانلىقى ئىپادىلەنگەن.

تۈركىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە، ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئالبانىيىگە تاشلىۋىتىلگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى، ئىشىكلىرىنى تۈركىيە گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى ئوسمان ساغىرلى بىلەن ئادەم دەمېرگە ئاچتى دېيىلگەن.

زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: جەھەننەمدە بىكاردىن سەۋەبسىز ئازاپ تارتقان 4 ئۇيغۇر تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىگە - چاقىسىز قالدى. ئۇ مۇساپىرلار 6 يىلدىن بۇيان ئالبانىيىدە ياشىماقتا. ئۇلار يېڭىدىن توي قىلدى، ئائىلە - بالىلىرى دۆلەت پۇقراسى بولغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىرمۇ ۋەتەنسىزلىك ئىچىدە ياشىماقتا.

زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە، تۈركىيە گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى، گۇەنتانامۇ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان، ئەبۇبەكىرقاسىم، ئەخمەت ئادىل، ئەختەر قاسىم ۋە باسىت قاتارلىق 4 ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پولۇ يەپ ئولتۇرۇپ سۆھبەت قىلغانلىقىنى يازغان.

زىيارەت خاتىرىدە ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئەبۇبەكىر قاسىمنىڭ، پاسپورت ئالسا تۈنجى بولۇپ ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدىي ئەرەبىستانغا بېرىش ئارزۇسى بارلىقىنى، ئەخمەت ئادىلنىڭ پاسپورت ئالغان تەقدىردە تۈنجى بولۇپ تۈركىيىگە بېرىش ئارزۇسى بارلىقىنى يازغان.

زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە، ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتەنلىرىنى بەك سېغىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيىلگەن: بەك ياخشى كۆرىدىغان ۋەتىنىنى خەرىتىدىن بىزگە كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلار، ۋەتەنسىزلىك ھەسرىتىنىڭ بىر كۈنى چوقۇم ۋىسالغا يېتىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىپ ياشاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە گېزىتىنىڭ رەسمى تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار بىلەن بىرگە، ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى ئېلان قىلىندى.

تۆۋەندە، شۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.