خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىر- قىسمەتلىرىدە يەنىلا ئۆزگىرىش يوق


2006.07.06

ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە سېلىش مەسىلىسى دۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان بىر زور ئىجتىمائىي مەسىلە. خىتاي ئۆللىكلىرىدە سودا قىلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىنىشىچە ،گەرچە خىتاي ساقچى ھەم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى يېقىندىن بۇيان بۇ خىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ كېلىپ ئوغىرلىق يانچۇقچىلىقلارغا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى يەنىلا داۋاملىق ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالداپ كەلگەن بالىلارنى جىنايى ھەرىكەتلەرگە سېلىۋاتقانلارنىڭمۇ جىنايەت يوللىرى ، تاكتېكىلىرى ھەر خىللىشىۋاتقان بولۇپ ئۇلار يەنىلا قانۇن تورىدىن بىمالال قۇتۇلۇپ ھەركەت قىلماقتا، ئۇيغۇر بالىلىرى داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا، بەختلىك ئائىلىلەر شۇ سەۋەبلىك داۋاملىق ۋەيران بولماقتا ئىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېتىم يېسىرلارنى قۇتقۇزۇش پاراۋانلىق ئورنىدىن ئىگىلىشىمىزچە يېقىندا، يەتتە ياش چېغىدا خىتاي ئۆلكىسىگە ئالداپ كېتىلگەن ئەلىجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بالا توققۇز يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ كېلىپ ئائىلىسىنى تاپقان. ئەلىجانننىڭ ۋە مىڭلىغان ئەلىجانلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى قانداق؟

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.