ئامېرىكا ئالىي سوتى گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى ھەققىدە قارار ئالىدۇ

20 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى قارار چىقىرىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىلىرىنىڭ گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى ھەققىدىكى تالاش ‏ - تارتىشلارغا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.10.21
US-supreme-court_front-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﮔﯜﻩﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ.
www.supremecourtus.gov

بۇ ھەقتە توختالغان گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرى، بۇنىڭ گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ۋە بۇ يەردە يېتىۋاتقان باشقا مەھبۇسلارغا نىسبەتەن بىر ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن يىلى 7 - ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى رىكاردو ئۇربىنا ئەپەندى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا يەرلەشتۈرۈش ھۆكۈمىنى چىقارغاندىن كېيىن، بوش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنغان ۋە بۇ يىل فېۋرالدا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى ئۇربىنانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

شۇندىن بېرى، ئامېرىكا سوتچىلىرىنىڭ گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇش ھوقۇقى بار ياكى يوقلۇقى مەسىلىسى، گۈەنتانامو مەسىلىدىكى كۈچلۈك تالاش ‏- تارىتش قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

20 -  ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئالىي سوتىدا بۇ ھەقتە بىلەت تاشلىنىپ، نۆۋەتتە گۈەنتانامودا يېتىۋاتقان 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ، فېدېراتسىيە سوتچىلىرىنىڭ بۇلارنى قويۇپ بېرىش ھوقۇقى ئۈستىدە قارار ئالىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇدى.

بۇ ھەقتە توختالغان گۈەنتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى ئېلىزابىت گىلسون خانىم، بۇنىڭ ئىنتايىن خەيىرلىك خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: " بۇ بەك ياخشى بولدى. بۇنىڭ ياخشى بولۇشىدىكى بىر تەرەپى بولسا، بىز بۇ دېلونىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭ مۇھىملىقى بولسا يەنە، بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى باشقا جايلارغا يەرلەشتۈرۈشىگە ياردەم قىلىدۇ."

گىلسون خانىم يەنە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ گۈەنتانامودىن چىقىپ كېتىشىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش باشقا مەھبۇسلارنىڭ دېلوسىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتى ئېلىنا كاگان ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا يوللىغان خېتىدە، ئۇزۇنغا قالماي گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر ھەل قىلىش چارىسى مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خىل ھەل قىلىش چارىسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالغان ئادۋوكات گىلسون، خانىم بۇنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا يەرلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى: " بىز بۇ قارارنىڭ، ئەڭ ئاخىرىدا ھازىر گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى، بولمىغاندا پالاۋغا بارمىغانلىرىنى، ھېچ بولمىغاندا مەن ۋاكالەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىككىيلەننى بولسىمۇ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشتىن ئابارەت بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز."
 
گۇەنتانامودا ئەسلى 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 5 نەپىرى 2006 -  ئالبانىيىگە، 4 نەپىرى بۇ يىل بېرمۇدىغا يەرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە 13 نەپەر ئۇيغۇر گۇەنتانامودا قېلىپ قالغان ئىدى.

يېقىن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ جۇمھۇرىيىتى بۇ 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ھالبۇكى پالاۋ ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى 45 ياشلىق ئەركىن مەخمۇتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئەركىن مەخمۇتنىڭ ئىنىسى بەختىيار پالاۋغا بېرىشنى رەت قىلدى ۋە گۇەنتانامودا داۋاملىق قېلىپ، ئاكىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالدى. گىلسون خانىم بولسا، دەل مۇشۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا قېرىنداش مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتى.

گىلسون خانىم ئەركىن مەخمۇت ھەققىدە توختىلىپ، ئەركىن مەخمۇتنىڭ قاراڭغۇ تۈرمىگە ئۇزۇن مەزگىل قامالغان ھەر قانداق بىر مەھبۇسقا ئوخشاش پسىخىكىلىق بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا ئەنسىرىگىدەك مەسىلە يوقلۇقىنى ئۇقتۇرۇپ، "ئۇ پەقەت بەزى مەسلىھەت ۋە ياردەملەرگە موھتاج. ئۇنىڭ ئەھۋالى خۇددى ناچار ئۇرۇش مۇھىتىدىن قايتىپ كەلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئوخشاشلا. ئەركىننىڭ كەچمىشلىرى تولىمۇ كۆڭۈلسىز. ئۇ ئانىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇكىسىنى ئىزدەپ چىقىپ، تۇتۇلۇپ قالغان،" دېدى.

گىلسون خانىم يەنە، پالاۋنىڭ ئەركىن مەخمۇتنى قوبۇل قىلماسلىقىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ، ئەركىن مەخمۇتتا ئېغىر روھى مەسىلە بولمىسىمۇ، پالاۋنىڭ ئۇنىڭغا ئايرىم قارىغىدەك شارائىتى بولمىغاچقا ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە نەقىل قىلىنىشىچە، ئىلگىرى پالاۋ جۇمھۇرىيىتىگە بېرىشقا قوشۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بەش نەپىرى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن پالاۋغا بېرىشنى رەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئالىي سوتىدا گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدە ئېچىلىدىغان سوتنىڭ 2010 - يىلى فېۋرالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنىڭ شۇ يىل ئوتتۇرىلىرىدا چىقىرىلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتە توختالغان گىلسون خانىم، گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى دېلوسىنى تۇتۇۋاتقان ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتتە بۇ ھەقتە بۇرۇنراق قارار ئالدۇرۇش ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.