ھەركىمنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەھۋالى ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ئولچەيدىغان مىزان

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇر" دېگەن سۆزى ئىنسان ئەخلاقىنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆلچەيدىغان ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ئەڭ توغرا مىزاندۇر. چۈنكى، بەزى ئىنسانلار باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ناھايىتى ئەخلاقلىق قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. بولۇپمۇ يېڭىدىن تونۇشقان كىشىلىرىگە مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك ئۆزىنى ئەخلاقلىق ۋە ياخشى قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.04.09

ئەمما ھەمىشە شۇنداق قىلالىشى، ھەتتا ئۆمۈر بويى شۇنداق ياسالما ئەخلاق بىلەن ئىش كۆرىشى ناتايىن. ئىنساننىڭ ئىچكى يۈزىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئېنىق ۋە روشەن كۆرىۋېلىشنىڭ ۋاسىتىلىرى نوپۇز، ئائىلە، مۇئامىلە ۋە بىرگە سەپەر قىلىشتۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى مىزان ئائىلە ھاياتىدۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركچە بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ۋە تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىستىداتلىق ئالىم ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندىگە بۇ ھەقتە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى مۇنداق دېدى:" ياسالما گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىپ كەلگەن بىر ئىنسان جەمئىيەتتە مەلۇم نوپۇزغا ياكى مەنسەپكە ئېرىشكەندە بىردىنلا ئۆزگىرىدۇ، بولۇپمۇ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى مەلۇم ئورنىنى ۋە نوپۇزىنى ھېس قىلغىنىدا، ئۇ چوقۇم ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ نوپۇزى ياكى مەنسىپى ئۇزۇنغا سوزۇلغانسېرى ئۇنىڭدىكى ياسالمىلىق تېخىمۇ ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ، ئاندىن باشقىلار بىلەن ماددىي ۋە ئەدەبىي مۇئامىلىلىرىدە بۇ ياسالمىلىق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ رەزىل يۈزىنى ئوپئوچۇق كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىنسان مەنسەپ تۇتقان ياكى مەلۇم نوپۇزغا ئىگە بولغان مەزگىللىرىدە، ئائىلىسىدىكى مەڭگۈلۈك تۇرمۇش جەريانىدا، باشقىلار بىلەن ماددىي ۋە ئەدەبىي مۇئامىلە قىلىشقانلىرىدا، قىلچە ئۆزگەرمەستىن، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئاخىرغىچە بىر خىل داۋام قىلدۇرالىسا، ئۇ ھەقىقەتەن ئەڭ ئەخلاقلىق كىشىدۇر. ئائىلىدە نورمالدا ئەر كۈچلۈك، ئايال ئاجىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە ئايالدىن ئەرنى سەۋرچانلىقتىن چىقىرىدىغان، كەڭ قورساقلىقتىن يىراق قىلىۋېتىدىغان، راستچىللىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان بەزى قىلىقلار ۋە ھەرىكەتلەر سادىر بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى تۇرمۇشتا كىشىلەر ھەر كۈنى بىر خىل ئۆتمەيدۇ. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى بىر خىل ساقلاپ قالالىغان ئەر راستىنلا ئەڭ ئەخلاقلىق ئەردۇر. شۇڭا، بىراۋنىڭ ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان تارازىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئائىلە ھاياتىدۇر."

پۇل مۇئامىلىسى ئىنسانلارنىڭ ئىچ يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ

ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى مۇنداق دېدى: "بەزى ئىنسانلار ئۆزىنى گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەتلىك قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ئەمما ئۇلار بىلەن پۇل-مال مۇئامىلىسى قىلغىنىڭىزدا ياكى بىرگە سەپەر قىلىپ كۆرگىنىڭىزدە، ئۇنىڭدىكى رەزىللىكلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ يېنىغا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەندە، ھەزرىتى ئۆمەر گۇۋاھچىدىن: "سەن گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان كىشىڭنى تونۇمسەن؟" دەپ سورايدۇ. گۇۋاھچى: "ھەئە، تونۇيمەن" دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭدىن:"سەن ئۇنى قانداق تونۇيسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن قوشنىمۇ؟" دەپ سورايدۇ. گۇۋاھچى: "ياق" دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۆمەر يەنە ئۇنىڭدىن: "سەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەر قىلىپ باققانمۇ؟" دەپ سورايدۇ. گۇۋاھچى يەنە: "ياق" دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۆمەر يەنە ئۇنىڭدىن: "سەن ئۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلىسى قىلىپ باققانمۇ؟" دەپ سورايدۇ. گۇۋاھچى يەنە :"ياق" دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خەلىپە ئۆمەر : "يوقال! سەن ئۇنى تونۇمايدىكەنسەن" دەيدۇ ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى رەت قىلىدۇ."

ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ ئۆلچىمى ئەخلاق

ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: "ياخشىلىق - گۈزەل ئەخلاقتۇر، گۇناھ -سېنى بىئارام قىلغان ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشى ياقتۇرۇلمىغان ئىشتۇر" دېگەن. ھەدىستىكى "ياخشىلىق" پۈتۈن ياخشىلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىخچام سۆز بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى "گۈزەل ئەخلاق" دەپ تەرىپلىگەن.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، گۈزەل ئەخلاق بارلىق ياخشىلىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ئىسىمدۇر. ئەمما گۇناھنىڭ كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشى ياقتۇرۇلمايدىغان بولۇشى ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئاتا قىلغان ۋىجداننىڭ سەۋەبىدىن بولۇپ، ئىنساندىكى بۇزۇلمىغان ۋىجدان پەزىلەتلەرنى ھېس قىلغاندەك، گۇناھلارنىمۇ ھېس قىلىدۇ، پەزىلەتلىك ياخشى ئىشلارنى قىلغىنىدا راھەتلىنىدۇ، يامان ئىش قىلغىنىدا ئوڭايسىزلىنىدۇ. ئىنسان گۇناھ- مەسىيەت ئىشلىگىنىدە ئۆزىدە بىئاراملىق ھېس قىلغان چېغىدا، ئەگەر بۇ ئىشنى باشقىلار كۆرۈپ قالغىنىدا، ئۇلارنىڭمۇ شۇنداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ساپ تەبىئىتىگە زىت كېلىدىغان بۇ يامان ئىشنى قىلغانلىقى سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ئۇنى ئەيىبكە بۇيرىشىدىن قورقىدۇ. شۇڭا قىلغان يامان ئىشىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەن بۇ ئۆلچەم تەبىئىتى ساپ، ۋىجدانى ئويغاق كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىنتايىن توغرا ۋە بەكمۇ نازۇك ئۆلچەمدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.