رابىيە خانىمنىڭ ئوغلى ئالىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ھاياتى تەھدىت ئاستىدا

" ... مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار مېنى ئۇلار ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان ئوخشايدۇ ... " بۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 4 تۈرمىدە قېرىنداشلىرىغا قىلغان نالىسى. خىتاي ساقچىلىرى 5 ئايدىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن ئالىمجاننى ھېيت ھارپىسىدا كۆرۈشتۈرگەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۆز ئارزۇلۇق ئوغلىنىڭ قىيىن قىستاق ھەم تاياق زەربىسىدىن تېنىنىڭ ھەم روھىي ھالىتىنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۈرۈمچىدىكى بالىلىرىدىن، روزا ھېيت كۈنى خەۋەرلەنگەن.

ئالىمجان ئابدۇرېھىم ھېيت ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن. قېرىنداشلىرى قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ تونۇغۇسىز ھالەتتە ئاجىزلاپ كەتكەن ئىنىسىنى كۆرۈپ ئازابلانغان.

ئالىمجان ئۇلارغا ئۆزىنىڭ تۈرمىدە قاتتىق تاياق يىگەنلىكىنى ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ئىگە چىقمىغانلىقىنى، تېنىنىڭ ھەم جېنىنىڭ زور خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە، "مېنى ئادەم دېسەڭلار تېزراق تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىڭلار، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئۆتۈنگەن."

رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كېلىپ، رەسمى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تۈرمىگە ئالغان ئىدى. يەنى ئالىمجان ئابدۇرېھىمنى 2006 - يىلى باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش ۋە بۆلگۈنچىلىك جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئۆزىنى يالغۇز بالىلىرىنىڭلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى دەپ تونىغان بۇ پىداكار ئانا، گەرچە ھېيت كۈنى ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق مۇبارەك سۆزلىرىنى قىلىۋاتقىنىدا بولسا ئۆز ئوغلىنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىدىن ھەتتا ھاياتىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىدى. ئەمما ئۇ قايغۇسىنى يۇتۇپ، زىيارىتىمىز جەريانىدا بىزنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى ھېيت كۈنىدە ئاڭلاتماسلىقىمىزنى ئۆتۈنگەن ئىدى.

بۈگۈن يەنى 16 - سېنتەبىر كۈنى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى، پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىمجان ئابدۇرېھىمنى قويۇۋېتىشى توغرىلىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىپ مۇراجەت ئېلان قىلدى.

مۇراجەتتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى، رابىيە قادىر خانىم ھەمدە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ھاياتى خەۋپ ئىچىدىكى ئالىمجان ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى بالىلىرىدىن قىزى رائىلە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالىمجان ۋە خىتاي بېسىمىدا قالغان باشقا قېرىنداشلىرىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىنىسىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تۈرمىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز رابىيە قادىر خانىمنى بۈگۈن قايتا زىيارەت قىلىپ، ئوغلى ئالىمجاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى ھەم ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قانداق ھەرىكەت قوللانغانلىقى توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.