0:00 / 0:00
مۇكاپاتلانغانلاردىن بىرى گۇيجۇدا كاۋاپچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ساخاۋەتچى ئالىمجان خالىقمۇ بار بولۇپ، ئۇ 10 يىلدىن بېرى گۇيجۇدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلغان. مۇخبىرىمىز تۈنۈگۈن مەزكۇر يىغىندىن قايتقان ئالىمجاننى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ يىغىن تەسىراتى ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
سۆھبەت داۋامىدا ئالىمجان خالىقنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىدىن رازى؛ ئەمما ئائىلىسىدىن رازى ئەمەسلىكى، خىتاي جەمئىيىتىدىن رازى؛ ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن رازى ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشتى. ئالىمجان بىلەن سۆھبىتىمىز، كورلىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشسىزلىق مەسىلىسىگە كەلگەندە، ئۇ تېلېفونىنىڭ مېيى تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردى.