ئالىمجان خالىقنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىشى دىنىي تەلىماتلارغا ئۇيغۇنمۇ؟

خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا 100 مىڭ يۈەندىن ئوشۇق پۇل ئىئانە قىلغان ئالىمجان خالىقنىڭ خىتايدىكى 2010-يىللىق 10 تەسىرلىك شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى دەپ تەشۋىق قىلىنىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەھلىلى، ئالىمجان خالىقنىڭ مۇكاپاتلىنىشنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئالىمجاننىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتىدا دېيىلىۋاتقانلاردىن تامامەن پەرقلىق.

ئالىمجان خالىق خىتاي تېلېۋىزىيىسىدە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى دىنىي تەلىماتلارغا ئاساسەن يەنى مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان دىنىي زاتلاردىن ئابدۇكېرىم ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئىسلامدا ئىئانە ئىشلىرىغا قويۇلىدىغان شەرت ۋە تەلەپلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئالىمجان خالىقنىڭ ئەقلىي-ئەخلاقىي سۈپەتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈشتىكى مەقسەت-مۇددىئالىرى ھەققىدىمۇ خىتاي تەشۋىقاتىدا دېيىلىۋاتقانلاردىن تامامەن پەرقلىق قاراشتا. بىز بۈگۈن بۇلاردىن پەقەت، ئالىمجاننىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ دىنىي تەلىماتلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى ھەققىدىكى مۇلاھىزىنىلا دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.