ئالىمجان خالىقنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئىنسانپەرۋەرلىككە ياتامدۇ؟

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتا، بىر تەرەپتىن زور مىقداردىكى قورال كۈچىگە تايانسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ كۆلەمدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە تايانماقتا.

0:00 / 0:00

ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى خىتاي تەشۋىقاتىدا ۋاز كېچىلمەي كېلىۋاتقان مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرىدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تاللاپ چىققان بۇ قېتىمقى يېڭى ئەخلاق ئۈلگىسى-ئالىمجان خالىق، ئىش-ئىزلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى جەھەتتىن ئىلگىرىكى ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىقتۇر.

بىز ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا، ئالىمجان خالىقنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە ئىسلامى ئەخلاق نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە ئاڭلاتقان ئىدۇق؛ بۈگۈن ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىكى مۇلاھىزە دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. مۇلاھىزە بايان قىلغۇچى بېلگىيىدە پەلسەپە ئىلمىدىن تەھسىل كۆرگەن، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىدۇر.