شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنى تەييارلىق كومىتېتى تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە دەپ بېكىتتى. يىغىن ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبلىرى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنى تەييارلىق كومىتېتى ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى مۇدىرى پەرھات يۇرۇڭقاش ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور بىر يىغىن ئىكەنلىكىنى، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا، قوللىشىغا، ياردىمىگە ۋە مەدىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، يىغىننى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، رابىيە قادىر خانىم ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەتكە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەتلەرنىڭ بىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارغا شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.