نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئېچىلغۇسى قۇرۇلتاي ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىردى

شەنبە كۈنى كەچتە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل مايدا چاقىرىلماقچى بولغان د ئۇ ق نىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

يىغىندا ئالدى بىلەن تەشكىلات باشلىقى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش ھەققىدىكى باياننامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن قۇرۇلتايغا قاتنىشىشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىنغا قاتنىشىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە باشقىلارنىڭ بۇلارغا قارىتا بەرگەن تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

norwegiye-uyghur-qurultay-uchun-yighin-385.jpg
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى چاقىرغان ئېچىلغۇسى قۇرۇلتاي ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى فېۋرال. (RFA/Aygul yusup)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى 5-ئايدا چاقىرىلماقچى بولغان 4-قېتىملىق قۇرۇلتايغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن بارىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى، سالاھىيىتى، يىغىنغا كېتىدىغان ئومۇمى چىقىم ۋە ھەر قايسى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ يىغىنغا تاپشۇرۇشى كېرەك بولغان پۇلنىڭ مىقدارى ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى. سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن كېيىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان تەدبىرلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ بۇ ھەقتىكى ئۆزلىرىنىڭ مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى ئۈچۈن مەخسۇس چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى سەپەرۋەرلىك يىغىندا يىغىن ئەھلىنىڭ بىر قاتار مۇھىم بولغان پىكىر-قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا،يىغىنغا قاتنىشالمىغان، تەشكىلاتنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە تۇرۇشلۇق رەھبەرلىرىگىمۇ تېلېفون قىلىنىپ، ئۇلارغا مەزكۇر يىغىننىڭ مەزمۇنى نەق مەيداندا يەتكۈزۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىگىمۇ ئالاھىدە يەر بېرىلگەن.