دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى

6 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپال مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق بىر قارارغا كېلىشتۇر.

0:00 / 0:00

بىر قانچە ئايلىق جىددىي تەييارلىقلاردىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى بۈگۈن يەنى 2‏-ماي كۈنى ئاخىرى ۋاشىنگتوندا باشلاندى. شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە دۇنيادىكى 20 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 150 دەك ئۇيغۇر ۋەكىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۈمبەزلىك مەركىزى بىناسىدىكى بىر يىغىن زالىغا جەم بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. د ئۇ ق رەئىسى ۋە بۇ قېتىم كېڭەشنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2-مايدىن باشلاپ 8-مايغا قەدەر ئېچىلىدىغان ئالىي كېڭەش 6 كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەت يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى پرىنسىپال مەسىلىلەردىكى ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئورتاق بىر نۇقتىغا كېلىشكە تىرىشىدىكەن. كېڭەشنىڭ بۈگۈنكى پۈتۈن بىر كۈنلۈك كۈنتەرتىپى چۈشتىن بۇرۇنقى ئېچىلىش مۇراسىمى، چۈشتىن كېيىنكى ئاقساراي ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيەتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئالىم سېيتوپنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 ئەتراپىدا باشلاندى.

congressman-frank-wolf-385.jpg
2011-يىلى 2‏-مايدا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام ئەزاسى فرانك ۋولف سوز قىلدى. (RFA/Erkin Tarim)

مەزكۇر كېڭەش 2009‏-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر نامايىشچىلار ۋە ئۆكتىچى پىكىردىكى ئۇيغۇرلار شىددەتلىك باستۇرۇلغان ئاز كەم 2 يىلدىن بېرى ئېچىلغان تۇنجى خەلقئارالىق چوڭ يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان مەدەنىيەت، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى زور رىقابەتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» نى تەڭشەپ، ئۇيغۇر ئىلىغا كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش، يېڭى شەھەرچىلەرنى قۇرۇش، تاش يول ، ھاۋا يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونلارنى بەرپا قىلىپ، خىتاي كارخانىلىرىنى ۋە كۆچمەنلىرىنى رايونغا جەلپ قىلىش، يېڭى شەھەرچىلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، نوپۇس ۋە باشقا ساھەلەردىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن ئىدى. كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىمقى كېڭەشنىڭ ئاساسلىق مەقسەت نىشانى ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن يۇقىرىقى رىقابەت ئاستىدا قانداق قىلىش كېرەكلىكىگە جاۋاب ئىزدەشتۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شۇ كۈنى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئۇيغۇرلا ئۈچۈن زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

congresmen-jim-McGovern-385.jpg
2011-يىلى 2‏-مايدا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئېچىلىش مۇراسىمىدا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى James McGovern سوز قىلدى. (RFA/Erkin Tarim)

مۇراسىمدا كۈنتەرتىپكە ئاساسەن يەنە يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكىلىق مېھمانلار سۆز قىلىپ، يىغىننى تەبرىكلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇراسىمغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان ۋە ياكى تەبرىكنامە يوللىغان چەتئەللىك شەرەپ مېھمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام ئەزاسى فرانك ۋولف، دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېيت ئەللىسونلار بولۇپلا قالماي، يەنە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى رەئىسى كارل گرىشمانغا، ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى، راندى شرايۋېرغا ئوخشاش سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سوفىيە رىچاردسونغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە شون روبېرتسكە ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەر بار ئىدى.

aliy-kengesh-wekiller-385.jpg
2011-يىلى 2‏-مايدا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەزالار. (RFA/Erkin Tarim)

دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن مۇراسىمدا سۆزلىگەن سۆزىدە گۇئانتانامو مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ۋە خىتاينىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى تەنقىدلەپ، ئۆزىنىڭ 2009‏-يىلى خىتاينى تەنقىد قىلىش قارار لايىھىسى ھازىرلىغانلىقى، يىل «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 2 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە قارار لايىھىسى سۇنماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مىكگوۋېرن خىتاينىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەن دۆلەت مەجلىسىگە پارتىيىلەردىن ھالقىغان 953ھ نومۇرلۇق قارار لايىھىسى سۇنۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ۋە ئاساسى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان دەپسەندىچىلىككە نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان . مەن بۇ قارار لايىھىسىنىڭ شۇ يىلى دېكابىردا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم. لېكىن بىز ئومۇمى مەجلىسكە ئېلىپ كېلىشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىدۇق. مېنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر يەنە بىر قارار لايىھىسى سۇنۇش نىيىتىم بار. بەلكى بۇ 7-ئايدا شىنجاڭدىكى تراگېدىيىسىنىڭ 2 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ھازىرلىنىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى.

مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئامېرىكا ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ بىرى كارل گرىشماندۇر. ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارىل گرىشمان ئەپەندى مۇراسىمدىكى نۇتقىدا ئالاھىدە تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. گرىشمان، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېقىندا ماقۇللىغان قەشقەرنى قوغداش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى مۇئايەنلەشتۈرۈپ، لېكىن خىتاينىڭ مەشرەپنى ب د ت نىڭ قوغدىلىدىغان مەنىۋى مىراسلار تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلغانلىقى، ھالبۇكى خىتاي 1997‏-يىلى ‏غۇلجا ۋەقەسىدە مەشرەپنى باستۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت مەدەنىيەت مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ «ئاخشام مەن دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ب د ت مەدەنىيەت-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. مەندە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قەشقەرنى قوغداش توغرىسىدىكى قارارى بىلەن خىتاينىڭ مەشرەپنى مەنىۋى مىراس قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىككى ھۆججەتنى بېرىپلا قالماي، مەن يەنە ئۇنىڭغا مەدەنىيەت مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ قەشقەرگە چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. بولغارىيەلىك بۇ خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىكەن. ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىنى بىلىشكە شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ مەشرەپنى قوغدىلىدىغان مەنىۋى مىراسلار تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىشتىكى مەقسىتىنى چۈشىنىشكە ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دەيدۇ. گرىشمان يەنە ئەسكەرتىپ، ب د ت نىڭ بولۇپمۇ ب د ت مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قەدىمى قەشقەردە نېمە ۋەقە يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ بوز ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رەندى شرايۋېر بولسا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت ئوباما ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈشىنى ۋە شۇنداقلا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شرايۋېر «مەن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ۋاقىت چىقىرىپ، پرېزىدېنت بوز رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشكەندەك، ئۇلارنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك ئىشلار بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، ئۇيغۇر خەلقىنى ئەڭ توغرا يوسۇندا ۋەكىللىك قىلىدىغان رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە باستۇرۇشنى تەنقىد قىلىدىغان قارار لايىھىلىرىنى ماقۇللاش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، تېخىمۇ كەسكىن قارارلارنى ماقۇللىشىنى، بىزنىڭ تىبەت قانۇنى، تەيۋەن قانۇنىغا ئوخشاش ئۇيغۇر قانۇن لايىھىسى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ كۆرسەتتى.

ۋاشىنگتوندا باشلانغان مەزكۇر يىغىن دەل ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋاشىنگتوندا ئېچىلماقچى بولۇپ تۇرغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. 27 ۋە 28-ئاپرېل كۈنلىرىدىكى بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئىلگىرىلەش بولمىغان، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا يول قويۇشنى رەت قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت نەزىرى كېلەر ھەپتىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگىغا بۇرالغان. ئۇلار ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىئالوگدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان. ئىدى.

فرانك ۋولف، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇراسىمدىكى سۆزىدە ئەسكەرتىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق ئىنقىلابلىرىنىڭ غەلىبە قىلىۋاتقىنىغا ئوخشاشلا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈرىشى ھامان بىر كۈنى غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، بۇ غەلىبىنى ئۆزىنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فانك ۋولف مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر بۈگۈن خىتاينىڭ ئەركىنلىكتىن قانچىلىك قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ئۇلار مىسىردا نېمە بولغانلىقىنى، تۇنىستا نېمە بولغانلىقىنى، يەمەندە نېمە بولغانلىقىنى كۆردى. بىز خىتاينىڭ ياسىمەن ئىنقىلابىدىن قورقۇپ،شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا ئىنتېرنېتقا چەكلىمە قويغانلىقىنى كۆردۇق. سىز ئىنتېرنېتتىن ئامېرىكا ئەلچىسى ھۇنتىسماننىڭ ئىسمىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسمىنى دالاي لامانىڭ ئىسمىنى تاپالمايسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن بۇ يىل 72 ياشقا كىردىم. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىدە يۈز بېرىدىغان دراماتىك ئۆزگىرىشنى كۆرىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. ئۇلارنى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا شۇنداقلا باشقا ئۆكتىچى گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىز 1980-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنى يىقىتىش ئۈچۈن قىلغان ئىتتىپاقلارنى قۇرۇشقا چاقىرىمەن.»

ئالىي كېڭەشنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى سائەت 12:30 گە قەدەر داۋام قىلدى. يىغىننىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن ۋەكىللەر ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلانغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، كۈچ كۆرسەتتى. ۋەكىللەر ئەتە، ۋاشىنگتوننىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر غەربىدىكى لىزبۇرگ بازىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشكە باشلايدۇ.