بۇ يەردە دىققەتتە سازاۋەر بىر نۇقتا بار. نېمە ئۈچۈن بۈگۈن مۇستەقىللىق ۋە ئاپتونومىيە تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. مېنىڭ يىغىن ئالدى-كەينىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمدا جەمئىيەتتە شۇنداق بىر گەپ بار، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، مۇستەقىللىقتىن باشقا تاللاش يولى يوقلۇقى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان مەسىلە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە ئەكېلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. مەن بۇ سوئالنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرىدىنمۇ سورۇدۇم نېمە ئۈچۈن، بۇ تېما ئوتتۇرىغا چىقىشقا زۆرۈر بولۇپ قالدى ؟ بۇ تېمىدا تەشكىلات مەسئۇللىرى ھەرقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ ئۆزىگە خاس بىر مەخپىيەتلىكى بولىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ نۇقتىدا ئىزاھات بېرىشنى خالىمايدىغانلىقى، ئەمما مۇستەقىللىق ۋە ئاپتونومىيە تېمىسىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن ھەرقانداق تەكلىپ/پىكىرلەرنى ئاخباراتقا ئاشكارىلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا مەن تۆۋەندە بۇ تېمىدا ئىگىلىگەن ۋە چۈشەنگەن مەلۇماتلىرىمنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن.
بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف سۆز قىلدى، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان ئالدىنقى 50 يىللىق ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونومىيە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە زىيان زەخمەتلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئاپتونومىيە دېگەن بۇ يول ئۇيغۇرلار ئويلىشىدىغان بىر يول ئەمەس، ئاقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىنىپ بولغان بىر يول، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار مەيلى تارىخىي مەيلى نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا خىتايلار بىلەن بىللە ياشىيالمايدىغانلىقى، بىللە ئولتۇرۇپ بىللە قوپالمايدىغانلىقى، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەبىئەتنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن ھالدا، قوشنىدارچىلىق ھالىتىدە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى مىللەت بىر-بىرى بىلەن سىياسىي چېگراسىنى تەلتۆكۈس ئايرىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەمەس، خىتاي خەلقىنىڭمۇ مەنپەئىتى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ تېمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇر مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا قانۇنلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئاساسەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەن نېمە، بۇ ئۇقۇم قاچان پەيدا بولغان، ۋە تارىختىن بۇيان قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ دېگەندەك ئىلمىي نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرۈشلىرىنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقنى يەنى مۇستەقىللىق ھوقۇقىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىنمايدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ تېمىدا ئەڭ مۇھىم سۆز ئاتاقلىق ئوبزورچى، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىدىن كۈتۈلگەن. ئۇمۇ ئۆزىمىزنىڭ ھەممىگە مەلۇم قاراشلىرىنى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى، تەكىتلىگىنى شۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقتىن باشقا تاللاش يوق ۋە بۇ ئەھۋالى دۇنيا جامائىتىگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھەر ۋاقىت ئاشكارا ۋە ئېنىق بىلدۈرۈلۈشى كېرەك.
سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغاندا، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە پەرقلىق بىر تىل ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى قوللاندى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى ئەمەس، خەلقئارالىق سىياسەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى دەپ بايان قىلدى، ئەلۋەتتە بىز بۈگۈن مەسىلىنى بۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن نېمە پەرقى بارلىقىنى سوراشقا پۇرسىتىمىز بولمىدى، ئەمما سىدىق ھاجى روزىنىڭ بۇ نۇقتىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگىنىگە قارىغاندا ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان بىر نۇقتا بولۇشى مۇمكىن. سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىدا تەكىتلىگەن يەنە نۇقتىسى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىشى يالتا يىغىننىڭ نەتىجىسى، يالتا يىغىنىدا قارار بەرگۈچىلەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت، شۇڭا سىدىق ھاجى ئەپەندى نىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەتلەر شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ھەممىدىن بەك بۇ ئۈچ دۆلەت چۈشىنىشى، ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ئىشىنىشى كېرەك.
مۇستەقىللىق ۋە ئاپتونومىيە مەسىلىسىدە بۈگۈن يەنە بىر تەتقىقاتچىنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە ئوتتۇرا يول، يەنى «شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى » دېگەن تېمىدا تەكلىپ لايىھە ئوتتۇرىغا چۈشتى. تەكلىپ لايىھە لايىھىلىگۈچىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ھاۋالە قىلىنغان بىر شەخس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن تۆۋەندە ئوتتۇرا يول دەپ ئاتالغان بۇ تەكلىپنىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
مەن يىغىننىڭ ئومۇمى كەيپىياتىدىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ پىكىرلىرىدىن، شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مۇستەقىللىقتىن باشقا يول يوقلۇقى، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىشى كېرەكلىكى، غايىسى مىللىي مۇستەقىللىق بولغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنىڭ ھەققانىي ھەرىكەت ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق قاراشتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇ نۇقتىنى يۇقىرىدىكى ئوتتۇرا يول تەكلىپىنى سۇنغان تەتقىقاتچىمۇ ھېس قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇشۇمنى توغرا كۆردى، ئەمما كىملىكىنى ئاشكارىلىشىمنى خالىمىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار يېگىن يەنە داۋام قىلىۋاتىدۇ، يەنە باشقا مەزمۇنلار ھەققىدە داۋاملىق ھەققىدە مەلۇماتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
0:00 / 0:00